تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

2024-يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى مۇزىكا پەسلى مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى باشلىنىدۇ

19 مەيدان مۇزىكا كېچىلىكى، 22 مەيدان ئويۇن سىزنى كۈتمەكتە


    شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11-ئاينىڭ 11-كۈنى خەۋىرى (ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ) 2024-يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى مۇزىكا پەسلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مەزگىلدە، داڭلىق يۇقىرى ئاۋازلىق ئەر ناخشىچى ۋاڭ خۇڭۋېي، «جۇڭگو بۇلبۇلى» دىلبەر، جاز پىيانىنو چالغۇچىسى لو نىڭ، دۇنيا پىيانىنو ساھەسىدىكى «دائىم ياشناپ تۇرىدىغان دەرەخ» رىچارد كلايدمان قاتارلىق مۇزىكا ئۇستازلىرى ھەر مىللەت ئاممىغا كۆرۈش-ئاڭلاش كاتتا مەرىكىسىنى تەقدىم قىلىدۇ.

    2024-يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى مۇزىكا پەسلى «ئىناقلىق، گۈزەللىك مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، ئارزۇنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» باش تېما قىلىنغان، سىمفونىيە  ئاساس قىلىنغان يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇزىكا كاتتا مەرىكىسى بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى 1000 مۇزىكانتنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. مەركىزىي بالېت ئۆمىكى، جۇڭگو مۇزىكا شۆيۈەنى، تيەنجىن مۇزىكا شۆيۈەنى، لەنجوۋ سىمفونىيە ئوركېستىرى ھەمدە ئەرمېنىيە دۆلەتلىك سىمفونىيە ئوركېستىرى قاتارلىق دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇنەۋۋەر ئۆمەك-گۇرۇپپىلار ۋە ئاپپاراتلار شىنجاڭغا كېلىپ ئويۇن قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ كۈيسۆيەر ئوركېستىرى، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى مىللىي ئوركېستىرى قاتارلىقلار بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، تاماشىبىنلارغا سىمفونىيە مۇزىكا كېچىلىكى، جاز مۇزىكا كېچىلىكى، مەخسۇس مەيدان مۇزىكا كېچىلىكى، خور مۇزىكا كېچىلىكى قاتارلىق 19 مەيدان مۇزىكا كېچىلىكى، 22 مەيدان ئويۇن تەقدىم قىلىنىدۇ.

    بۇنىڭدىن باشقا، مۇزىكا پەسلىدە يەنە «ئەتراپىمىزدىكى مۇزىكا كېچىلىكى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. لەنجوۋ سىمفونىيە ئوركېستىرى، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى مۇقام سەنئەت ئۆمىكى، ئالتاي ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى، ئۈرۈمچى سىمفونىيە ئوركېستىرىنىڭ مۇزىكانتلىرى ئويۇن قويۇش كىچىك ئەترىتى تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانا، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيى قاتارلىق شەھەرنىڭ يەر بەلگىسى خاراكتېرلىك سورۇنلارغا بېرىپ، «مۇزىكا ئەتراپىمىزدا» تېمىسىدا چۆكۈش شەكلىدىكى مىكرو مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ.

   مۇزىكا پەسلى مەزگىلىدە ۋاڭ خۇڭۋېي، دىلبەر، لو نىڭ يەنە شىنجاڭ سىفەن داشۆسى، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى ۋە شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىگە بېرىپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇزىكا تەسىراتىدىن يۈزتۇرا بەھرىلىنىپ، ناخشا ئېيتىش ۋە چېلىش ماھارىتىنى ئۆگىتىدۇ.

    بۇ نۆۋەتلىك مۇزىكا پەسلىدە سودا خاركتېرلىك ئويۇندىن باشقا، بارلىق مەيدان ئويۇندا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بېلىتى تارقىتىلىدۇ، ئەڭ تۆۋەن بېلەت باھاسى 80 يۈەنگىچە بولىدۇ. تۇنجى نۆۋەتلىك ئويۇننىڭ بېلىتى بۈگۈندىن باشلاپ 91 بېلەت ئىشلىرى ۋە شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسى بېلەت ئىشلىرى سۇپىسىدا ئومۇميۈزلۈك سېتىلىشقا باشلايدۇ.

    2024-يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى مۇزىكا پەسلىنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى سەنئەت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.