ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشياۋ خەۋەر قىلىدۇ) 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ 2025- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەر بىرتۇتاش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش خىزمىتى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى باشلىنىدىكەن.
سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەر بىرتۇتاش ئىمتىھانى مۇزىكا تۈرى، ئۇسسۇل تۈرى، ئاكتيورلۇق (رېژىسسورلۇق) تۈرى، دىكتورلۇق ۋە رىياسەتچىلىك تۈرى، گۈزەل سەنئەت ۋە لايىھەلەش تۈرى، خەتتاتلىق تۈرى قاتارلىق ئالتە پەن تۈرىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئىنتايىن ئاز ياكى ئىمتىھاننى تەشكىللەشتە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار ئايرىم پەن تۈرلىرى ئۆلكىلەر ئارا بىرلىشىپ تەشكىللەش ياكى «ئىمتىھان بىلەن باھالاشنى ئايرىش» قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يولغا قويۇلىدۇ. دراما ۋە شىچۈ تىياتىرى تۈرىدىكى ئىمتىھان مەزمۇنى، ئىمتىھان شەكلى قاتارلىقلاردا مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆلكىلەر ئارا بىرلەشمە ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. 2025-يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەر بىرتۇتاش ئىمتىھانىدا ئاكتيورلۇق (رېژىسسورلۇق)، دىكتورلۇق ۋە رىياسەتچىلىك تۈرىدىكى كەسىپلەردە «ئىمتىھان بىلەن باھالاشنى ئايرىش» ئۇسۇلى يولغا قويۇلىدۇ ھەم مۇزىكا، ئۇسسۇل تۈرىدىكى كەسىپلەرگە تەدرىجىي كېڭەيتىلىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە مۇزىكا تۈرى، ئۇسسۇل تۈرى، ئاكتيورلۇق (رېژىسسورلۇق) تۈرى (تىياتىر، كىنو، تېلېۋىزىيە ئاكتيورى ۋە تىياتىر، كىنو، تېلېۋىزىيە رېژىسسورلۇق يۆنىلىشى)، دىكتورلۇق ۋە رىياسەتچىلىك تۈرى، گۈزەل سەنئەت ۋە لايىھەلەش تۈرى، خەتتاتلىق تۈرىدىكى كەسىپلەر بىرتۇتاش ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش ۋاقتى: 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە، تىزىملىتىش تور ئادرېسى: شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى تور بېكىتى (www.xjzk.gov.cn)، ھەق تاپشۇرۇشتا توردا مەركەزلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ .
ئاكتيورلۇق (رېژىسسورلۇق) تۈرى (كىيىم - كېچەك مودېلى يۆنىلىشى) كەسپى بىرتۇتاش ئىمتىھانىدا ئۆلكىلەر ئارا بىرلەشمە ئىمتىھان ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، توردا تىزىملىتىش ۋە ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتى: 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، تىزىملىتىش تور ئادرېسى: گەنسۇ ئۆلكىلىك مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى تور بېكىتى (www.ganseea.cn). ھەق تاپشۇرۇش شەكلى ۋە ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بىرلەشمە ئىمتىھان بېرىدىغان ئۆلكىلەرنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى ئاساس قىلىدۇ.
دىراما ۋە شىچۈ تىياتىرى تۈرىدىكى كەسىپلەر بىرتۇتاش ئىمتىھانىدا ئۆلكىلەر ئارا بىرلەشمە ئىمتىھان ئېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، تىزىملىتىش ۋاقتى، ئۇسۇلى ۋە ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتى، ئۇسۇلى ۋە ھەق ئېلىش ئۆلچىمى قاتارلىقلاردا گۇرۇپپىلار بويىچە ئىمتىھان تەشكىللىگۈچى ئورۇنلارنىڭ ئۇقتۇرۇشى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى