2024- يىلى كىرىپ 11- ئاينىڭ 9- كۈنىگىچە شىنجاڭدىكى تۆمۈريولدا توشۇلغان يۈك مىقدارى جەمئىي 200 مىليون 100 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 29 كۈن بۇرۇن 200 مىليون توننىدىن ئاشتى.بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارمىقى تىرانسپورت كۈچىنى تەقسىملەشنى پائال بىرتۇتاش پىلانلاپ، يول ئىقتىدارىنى سىجىل ئاشۇردى. ئادەتتىكى يولۇچىلار پويىزىنى لەنجوۋ- شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا قاتنىتىشنى داۋاملىق يولغا قويۇش ئارقىلىق ئۈرۈمچىنىڭ «بىر شەھەردىكى ئىككى ۋوگزال»لىق يولۇچىلار پويىزىنى يولغا سېلىش- كۈتۈۋېلىش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى تۈگۈن رايونىدا يولۇچى پويىزى بىلەن يۈك پويىزىنىڭ ئوخشاش سۈرئەتتە قاتنىشىنى ئالغا سىلجىتتى؛ شەرقىي جۇڭغارنىڭ شىمالىي، جياڭجۈنمياۋ رايونىدىكى كۆمۈرنى جياڭجۈنمياۋ- نوم تۆمۈريولى، خۇڭليۇخې ـ نوم تۆمۈريولى ئارقىلىق توشۇشقا تەشكىللەپ، لەنجوۋ- شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يول ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئاشۇردى. گولمۇد- كورلا تۆمۈريولى (شىنجاڭ بۆلىكى)نىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش بويىچە ئۆزگەرتىلىپ يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 28 ئۇچرىشىش- يول بېرىش ۋوگزالىنىڭ ھەممىسىنى مۇددەتتىن 50 كۈن بۇرۇن ئىشقا كىرىشتۈرۈش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يۈك پويىزىنى ۋاقتىدا كۆپەيتىپ، بىر كۈندە قاتنىتىش ئىقتىدارىنى 26 پويىزدىن 39 پويىزغا كۆپەيتتى. يولۇچىلار پويىزى شەكلىدىكى كۆمۈر ئايلانما پويىزىنى كۆپەيتىپ، بىر كۈندە قاتنايدىغان پويىزنى 22 جۈپتىن 30 جۈپكە كۆپەيتتى. شىنجاڭ تۆمۈريولىدىكى ئەنبېي، ماڭيا بازىرى، ۋۇتۇڭشۈي پاسىل ئېغىزىدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 122 جۈپ پويىزنى ئۆتكۈزۈپ بەردى- ئۆتكۈزۈۋالدى، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 19 جۈپ كۆپ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۈك پويىزىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، توننىسىنى ئاشۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويۇپ، تىرانسپورت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. شىنجاڭ تۆمۈريول تارمىقى ئۈسكۈنىلەرنىڭ سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ رېمونت قىلىپ، جىڭ- قورغاس، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئاقسۇ- قەشقەر بۆلىكىدە يۈك پويىزىنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 90 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىنكى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىقتىدارىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى يۈك پويىزىنىڭ ئوتتۇرىچە قاتناش سۈرئىتىنى سائىتىگە 47 كىلومېتىرغا يەتكۈزدى، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 تېز. پويىز لىنىيەسى بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، لىنخې ـ قومۇل تۆمۈريولىدا قاتنايدىغان، شىنجاڭدىن چىقىدىغان كۆمۈر توشۇش مەخسۇس پويىزىغا ھەر قېتىمدا قاچىلىنىدىغان كۆمۈرنى 5500 توننىدىن 6000 توننىغا يېقىن كۆپەيتتى، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9 كۆپ. ئۈرۈمچى ـ جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئاقسۇ- قەشقەر بۆلىكىدە دائىملىق يولغا سېلىنغان 10 مىڭ توننىلىق پويىز 900دىن ئاشتى.
زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى پۇرسەت بىلىپ، يۈك تىرانسپورتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى. شىنجاڭ تۆمۈريول تارمىقى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىن كارخانىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، كۆمۈر ئېلېكتىر، نېفىت، مېتال تاۋلاش، خىمىيە سانائىتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرى ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ قۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇقتىلىق كارخانىلارغا ئادەم ئەۋەتىپ، خېرىدارلار ئۈچۈن ئەشيا ئوبوروتىنى ھەل قىلىش لايىھەسىنى مەخسۇس ئالدىن تۈزۈپ، «تاشيولدا توشۇشنى تۆمۈريولدا توشۇشقا ئۆزگەرتىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، توشۇش مىقدارىنى 12 مىليون توننىدىن ئاشۇردى. ئەشيا ئوبوروتى ئومۇمىي ھۆددىگەرلىك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، 18 تۈرلۈك ئەشيا ئوبوروتى ئومۇمىي ھۆددىگەرلىك قاتارلىق تىرانسپورت تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خېرىدارلارغا تەخمىنەن 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن كىرا ھەققىنى تېجەپ بەردى. «بىر تالون تۈزۈمى» بويىچە دېڭىز- تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى نۆۋەتچى پويىزىنى تەشكىللەپ قاتنىتىپ، شىنجاڭدىن دېڭىز بويى رايونلىرىغىچە بولغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت يولىنى راۋانلاشتۇردى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارمىقىنىڭ شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارى 75 مىليون 40 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51.5 ئاشتى، توشۇش مىقدارى 103 كۈن بۇرۇن بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق توشۇش مىقدارىدىن ئاشتى، توشۇلغان خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى جەمئىي 13 مىليون 400 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.9 ئاشتى، بۇ پۈتۈن يىللىق يۈك توشۇش مىقدارىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.
تىرانسپورتنى تەشكىللەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگو- ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنى قاتنىتىشىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى. ئالاتاۋدا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش مەيدانىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆلچەملىك رېلىس، كەڭ رېلىسنى كۈتۈۋېلىش- يولغا سېلىش ۋە گۇرۇپپىلاش ئىقتىدارىنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %15 ۋە %30تىن كۆپرەك ئۆستۈردى. شىنجاڭ تۆمۈريولىدىكى ئىككى پورت ۋوگزالى ئارقىلىق قاتنايدىغان جۇڭگو- ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ سانى سىجىل كۆپىيىپ، 13 مىڭ 500دىن ئاشتى، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13 كۆپ؛ پورتتىن ئۆتكۈزۈلگەن مال مىقدارى 24 مىليون توننىدىن ئاشتى ھەمدە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12 ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. 11- ئاينىڭ 3- كۈنى ئىككى پورتنىڭ بىر كۈندىكى مال ئۆتكۈزۈش مىقدارى تۇنجى قېتىم 100 مىڭ توننىدىن ئاشتى.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۈەنيۈەن خەۋىرى)