تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

دەرسخانىغا «يېڭىلىق» قوشۇلۇپ، گۈزەللىك تەربىيەسى جانلاندۇرۇلدى

11- ئاينىڭ 8- كۈنى ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونلۇق ياش- ئۆسمۈرلەر مەكتەپ سىرتى پائالىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شىمىگۇدا كىتاب ھۇزۇرى. ۋەتەننى مەدھىيەلەش» تېمىسىدىكى ھۆسنخەت، رەسىم كۆرگەزمىسىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 38- باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ھۆسنخەت يازماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ مېڭتىڭ خەۋىرى، شى لېي فوتوسى)

  ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان «شىمىگۇدا كىتاب ھۇزۇرى. ۋەتەننى مەدھىيەلەش» تېمىسىدىكى ھۆسنخەت، رەسىم كۆرگەزمىسى 11- ئاينىڭ 8- كۈنى شىمىگۇ رايونلۇق ياش- ئۆسمۈرلەر مەكتەپ سىرتى پائالىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  نەق مەيداندا شىمىگۇ رايونىدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار تەرتىپ بويىچە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، رەسىم سىزىش، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياساش قاتارلىق ماھارەتلەرنى كۆرسەتتى، ھۆسنخەت، رەسىم كۆرگەزمىسى گۈزەللىك تەربىيەسى ئوچۇق دەرسىگە تېخىمۇ ئوخشاش بولۇپ، ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ئۆزگىچە تەلىم- تەربىيەسىنى نامايان قىلدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 54- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ موم بىلەن گۈل بېسىش، باغلاپ بوياش كۆرگەزمە رايونىدا ئوقۇغۇچىلار ياسىغان موم بىلەن گۈل بېسىلغان قول ياغلىق، بويالغان ئويۇنچۇق، باشقا تاقايدىغان گۈل، ياغلىق قاتارلىقلار رەتلىك تىزىلغان ئىدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 54- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو يۈشۈەن مۇنداق دېدى: «مەكتەپ گۈزەل سەنئەت دەرسىنى جانلاندۇرۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەر- سەنئىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا گۈزەل سەنئەت ھۈنەرخانىسى قۇرۇپ بېرىپ، ھەپتە ئاخىرى ۋە قىشلىق، يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ مەكتەپ سىرتى كۆرگەزمە پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق».

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 38- باشلانغۇچ مەكتەپ 4- يىللىق 1- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ليۇ شىنيى نەق مەيداندا ھۆسنخەت ئەسەرلىرىنى يېزىپ، كۆپچىلىكنى جەلپ قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 38- باشلانغۇچ مەكتەپ ھۆسنخەت ۋە رەسىم، پەن- تېخنىكا، قورشاۋ شاھمات، دۇخوۋوي مۇزىكا قاتارلىق ئالاھىدە مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىپ، 2017- يىلىدىن باشلاپ ھۆسنخەت ۋە رەسىم كەسپىي سىنىپى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ھۆسنخەت، رەسىم ئاساسىي بىلىملىرى ۋە ماھارىتىنى سىستېمىلىق ئۆگەتكەن. ئوقۇش باسقۇچىغا ئاساسەن تەرتىپ بويىچە قاتتىق قەلەم ھۆسنخېتى، شياۋجۇەن، لىشۇ، جۇڭگوچە رەسىم ۋە تامغا ئويۇش قاتارلىقلارنى ئۆگەتكەن.

  شىمىگۇ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ چاڭشېڭ مۇنداق دېدى: «كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىمىگۇ رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسى مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئالاقىدار دەرسلىكلەرگە سىڭىشىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۆزگىچە مەكتىپى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق تەدرىجىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ بالىنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئەتراپىدىكى دۆلەت مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى قىزغىن سۆيۈشىگە تۈرتكە بولىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.