تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«ئومۇمىي خەلق ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش»

  − مەملىكەتلىك ئوت مۇداپىئەسى كۈنىدە ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش خادىملىرى تۈرلۈك ماھارەتلىرىنى نامايان قىلدى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى 11- ئاينىڭ 8- كۈنى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە «119» مەملىكەتلىك ئوت مۇداپىئەسى كۈنى باش تېما پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. نەق مەيداندا ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش خادىملىرى شەھەر ئاھالىلىرىگە تۈرلۈك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش جابدۇقلىرىنى تونۇشتۇرماقتا.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتى 11- ئاينىڭ 8- كۈنى ئوت ئۆچۈرۈش مەشىقى قىلماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ چاڭتۇڭ خەۋىرى، فوتوسى)

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى 11- ئاينىڭ 8- كۈنى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە «119» مەملىكەتلىك ئوت مۇداپىئەسى كۈنى باش تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، «ئومۇمىي خەلق ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش»تىن ئىبارەت باش تېمىنى چۆرىدەپ ئۆتكۈزۈلگەن نەق مەيداندىكى قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مۇكاپاتلىق زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش جابدۇقلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتى قاتارلىقلار ئارقىلىق پۈتۈن شەھەردىكى نەچچە مىڭ شەھەر ئاھالىسى ۋە ئاممىنى قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

  بۇ يىل 11- ئاينىڭ 9- كۈنى 33- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئوت مۇداپىئەسى كۈنى، پائالىيەت نەق مەيدانىدا شىنجاڭ ئوت مۇداپىئەسى IP ئوبرازچىلىرى ئوت مۇداپىئە تەشۋىقاتچىسى بولۇپ، كۆپچىلىككە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك بىلىملىرى بېسىلغان تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بەردى.

  ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش خادىملىرى مەسلىھەت بېرىش نۇقتىسى تەسىس قىلىش، تەشۋىقات قوللانمىسى، ئوت مۇداپىئەسى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتى تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پائالىيەتكە قاتناشقىلى كەلگەن ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىگە كۈندىلىك تۇرمۇشتا «ئۈچنى تازىلاش، ئۈچنى ئېتىش»نى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە «ئۈچنى تازىلاش، ئۈچنى ئېتىش»نى قانداق قىلىپ ياخشى ئىشلەش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈردى، توكلۇق ۋېلىسىپىتنى باشقۇرۇش بىلەن ھاياتلىق يولىنى ئېچىش بويىچە مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى، شۇنداقلا قىش پەسلىدە ئوت ئاپىتى خەۋپى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىغا قىش پەسلىدە كۆپ يۈزبېرىش مۇمكىن بولغان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئائىلىلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەش، توكلۇق ۋېلىسىپىتكە توك قاچىلاش، توختىتىش، ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ۋە قېچىپ قۇتۇلۇش قاتارلىق ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ساۋاتلىرى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى يۈزتۇرا چۈشەندۈردى، كۆپچىلىككە ئوت مۇداپىئەسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوت مۇداپىئەسىگە قاتنىشىپ، تۇرمۇشتا ياخشى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە ئۆزىنى قوغداش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئەسكەرتتى.

  ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى شياۋ يۆ بىر كارخانىنىڭ مەخسۇس بىخەتەرلىك خادىمى، ئۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ «ئۈرۈمچى ئوت مۇداپىئەسى» دېگەن logo بېسىلغان مۇكاپات بۇيۇمىغا ئېرىشتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «پائالىيەتكە قاتنىشىش ئارقىلىق ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنى ھېس قىلدىم، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ كىيىمى مېنىڭ ئويلىغىنىمدىنمۇ ئېغىر ئىكەن، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم».

  يەنە بىر تەرەپتىكى ئوت مۇداپىئەسى جابدۇقلىرى كۆرگەزمە رايونىدا 1000دىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش ئۈسكۈنىسى ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بۇ ئۈسكۈنىلەر تۈرلۈك قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش جەريانىدا ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش خادىملىرىنىڭ ياخشى ياردەمچىسى.

  نەق مەيداندا يەنە قويۇق ئىس- تۈتەكلىك قاراڭغۇ مۇھىتتا ئىشلىتىلىدىغان ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تەكشۈرۈش ئەسۋابى، خەتەرلىك مۇھىتتا ئىشلىتىلىدىغان شەكلى تانكىغا ئوخشايدىغان ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنا ئادىمى، گاز ياكى توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان چېقىش- چۇۋۇش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق ئەڭ يېڭى، ئەڭ ئىلغار ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش ئۈسكۈنىلىرى بار بولۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش خادىملىرى بۇ ئۈسكۈنىلەرنى بىمالال ئىشلىتەلەيتتى، ھەتتا سۇيۇق بېسىملىق ئامبۇر بىلەن تىكتاك توپنى شەكلىنى ئۆزگەتمىگەن ئاساستا قىسىپ ئالالايتتى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتى 2- پونكىتىدىكى بەنجاڭ ما ئېرياڭ مۇنداق دېدى: «مەيلى قەھرىتان سوغۇق ياكى تومۇز ئىسسىق بولسۇن، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ھەر كۈنى چارلاشقا چىققاندىن باشقا، تۈرلۈك مەشىقلەرنى قىلىدۇ، نەتىجىسى لاياقەتلىك بولۇش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماستىن، ئالدىدا مېڭىش، ئەلا بولۇشنى قوغلىشىپ تۈرلۈك ماھارەتلەرنى ئىگىلىگەندىلا، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىغىلى بولىدۇ».

  پائالىيەت نەق مەيدانىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى گەنچۈەنپۇ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەدىھەم مەخمۇت سىنلىق ئۇلىنىش ئارقىلىق ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى ئاخبارات- تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى جيارۇڭ مۇنداق دېدى: «ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ھەربىر ئادەمنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قاتنىشىشىغا موھتاج». ئۈرۈمچى ئوت مۇداپىئە تارمىقى «ئوت مۇداپىئەسى تەشۋىقات ئېيى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئوت مۇداپىئەسى تەشۋىقات پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئوت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىك ئېڭى، ئوت مۇداپىئەسى قانۇن- نىزام ئېڭى ۋە ئۆزىنى قوغداش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، «ھەممە ئوت مۇداپىئەسىنى ئۆگىنىش، ھەممە ئوت مۇداپىئەسىنى بىلىش»تەك قويۇق كەيپىياتنى پائال يارىتىپ، «جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرغۇچى»لىق خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، «مەسئۇلىيەت ئىش ئورنى»دا ياخشى تۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.