مائارىپ مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: بېقىش-تەربىيەلەش سۈپىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، ئېنىقلاش، تۈزەش داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، يەسلىنى «باشلانغۇچ مەكتەپلەشتۈرۈش» قاتارلىق قائىدىگە ئۇيغۇن بولمىغان يەسلى باشقۇرۇش قىلمىشلىرى قەتىي تۈزىتىلىدۇ.
كېيىنكى قەدەمدە، يەسىلىلەرگە قارىتا كەسپىي يېتەكچىلىك كۈچەيتىلىپ، يەسلىلەر بېقىش بىلەن تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشقا يېتەكلىنىدۇ، ئويۇننى ئاساسىي پائالىيەت قىلىش ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مول مائارىپ مۇھىتى يارىتىلىپ، بالىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىنىپ ئۆگىنىشىگە مەدەت بېرىلىدۇ، بالىلارنىڭ ئويۇن ۋە تۇرمۇشتا ساغلام، خۇشال-خورام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
بېقىش-تەربىيەلەش ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، دەرس ئوقۇتۇش بايلىقىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، باشقۇرۇش چارىسى تەتقىق قىلىپ تۈزۈلۈپ، يەسلىلەردە ئىشلىتىلىپ يولغا قويۇلغان دەرس ئوقۇتۇش بايلىقى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدۇ.
بېقىش-تەربىيەلەش سۈپىتىنى باھالاش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، يەسلىنى نازارەت قىلىپ باھالاش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، «يەسلىنىڭ بېقىش-تەربىيەلەش سۈپىتىنى باھالاش قوللانمىسى» ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىلمىي يۆنىلىش تۇرغۇزۇلۇپ، يەسلىلەر بېقىش-تەربىيەلەش جەريانىغا مەركەزلىشىشكە يېتەكلىنىپ، ئۆزىنى ئۆزى باھالاش كۈچەيتىلىپ، يەسلىنىڭ بېقىش-تەربىيەلەش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلدا بالا بېقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كۈچەيتىلىپ، يەسلى مائارىپى تەشۋىقات ئېيى سۇپىسىدىن داۋاملىق پايدىلىنىپ، يەسلىنىڭ تەشۋىقات ئاساسىي بازىلىق رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئاتا-ئانىلارغا بالىلارنى ئىلمىي تەربىيىلەش تەشۋىقاتى قانات يايدۇرۇلۇپ، بالىلارنى توغرا تەربىيەلەش ئىدىيەسى ۋە بىلىملىرى تارقىتىلىپ، ئائىلە بىلەن يەسلى ئورتاق تەربىيەلەيدىغان ياخشى مېخانىزم شەكىللەندۈرۈلىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى