تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت پونكىتىدا قانداق مۇلازىمەتلەر بار؟ بۇ ئالىي مەكتەپكە بېرىپ كۆرۈپ باقايلى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بېي

  11- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىز تۇنجى تۈركۈمدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت پونكىتى قۇرغان سەككىز ئالىي مەكتەپكە ۋىۋىسكا بەردى، ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. مۇلازىمەت پونكىتى قانداق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ؟ 11- ئاينىڭ 6- كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسىگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى.

ئالىي مەكتەپنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىك رايونىدا، ئوقۇغۇچىلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتىنى ئىگىلىمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بېي فوتوسى

  ئالىي مەكتەپنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت پونكىتىغا كىرسىڭىز، نەق مەيداندىكى تۈرلۈك مۇلازىمەت شۆبە رايونلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى «بىر پونكىت شەكلى»دە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. خىزمەتچى قوبۇل قىلىش مۇلازىمەت رايونى كەسپى ئۇدۇل كېلىدىغان 40تىن ئارتۇق كارخانىنى مەكتەپنىڭ تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى. بۇ مەكتەپنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى تېخنىكىسىنى قوللىنىش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى خالبىنۇر شادخېجيا خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغان كارخانىلار ئارىسىدا يۈرۈپ، ئىش ئورنى ئېھتىياجىنى ئىگىلىدى.

  «خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدىن باشقا، نەق مەيداندا يەنە سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش، كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ، يەنە AI قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئىشلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى ناھايىتى ئەتراپلىق»، دېدى خالبىنۇر.

  بىر تەرەپتىكى سىياسەت تەشۋىقات رايونى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن «ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا يېزىلغان بىر پارچە خەت» قاتارلىق سىياسەت توپلاملىرىنى تەييارلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسى، «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش»، ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملاش، ئارخىپ يەتكۈزۈش، ئىگىلىك تىكلەش، تەربىيەلەش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق سىياسەتلەر ھەم ئۇنى بېجىرىش ئاپپاراتلىرى ۋە ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك، ئىنچىكە تونۇشتۇرۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان، ئېنىق ھېسابلىيالايدىغان، ئىشلىتەلەيدىغان سىياسەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  كەسپىي يېتەكچىلىك رايونى مۇنەۋۋەر كەسپىي يېتەكچىلىك ئۇستىسى ياكى كارخانا ئادەم كۈچى بايلىقى ئۇستىسىنى تەكلىپ قىلىپ، ئوقۇش پۈتكۈزىدىغانلارنى قىممەت يېتەكچىلىكى، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، مەسىلە يېتەكچىلىكىدىن ئىبارەت پۈتۈن زەنجىرلىك قىسقىچە تەرجىمىھالغا دىياگنوز قويۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش رايونى ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللاپ ماكانلىشىشى ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 57 ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى تىزىملىكى بىلەن تەمىنلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىگىلىك تىكلەش يېتەكچىسى تىزىملىكى ھەم ئىگىلىك تىكلەش تۈرى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تەرەققىيات يۆنىلىشىنى تېپىشىغا ياردەم بەردى.

  مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىق رايونى كارخانا بىلەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىغا سەھنە ھازىرلاپ بەردى.

  بۇ رايونلارنى كېسىپ ئۆتكەندە، بىر ئەينەك ئۆيگە نۇرغۇن ئادەم يىغىلغان بولۇپ، بۇ ئالىي مەكتەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ خىزمەت ھاياتىنى پىلانلاش ئىشخانىسى ئىدى. بۇ بوشلۇق ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق دەۋرىيلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن تەمىنلەپ، كۆپ خىللاشقان يېتەكچىلىك دەرسى، كەسپىي ھاياتىنى پىلانلاش پائالىيىتى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆزى باھالاش، كەسپىي ئۇچۇرلارنى بىلىش ئارقىلىق تەھلىل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپ يۆنىلىشىنى توغرا بېكىتىشىگە ياردەم بېرىپ، باسقۇچلۇق تەرەققىيات نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ ھەم كۆڭۈلدىكىدەك ئىش ئورنىغا بارىدىغان يولنى پىلانلاپ چىقىدۇ.

ئالىي مەكتەپنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت پونكىتى ئۇيۇشتۇرغان كىچىك تىپتىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىدا ئوقۇغۇچىلار كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بېي فوتوسى

  خىزمەت ھاياتىنى پىلانلاش ئىشخانىسىنىڭ ئۇدۇلىغا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىر گەۋدىلەشكەن ئۈسكۈنىسى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىر گەۋدىلەشكەن ئۈسكۈنىسى قويۇلغان. بۇ ئىككى بىر گەۋدىلەشكەن ئۈسكۈنە ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىش ئورنى ئۇچۇرى ۋە ئالاقىدار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى تەكشۈرگىلى بولۇپلا قالماي، يەنە AI قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئىشلەش ۋە قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئەلالاشتۇرغىلى بولىدۇ.

  بۇ مەكتەپنىڭ مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسىنى قوللىنىش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى تېڭ گېسى كودنى سايىلەپ AI قىسقىچە تەرجىمىھال مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولدى. «يەنە خىزمەت ئىزدەش يۆنىلىشىگە ئاساسەن يۈزتۇرا ئىمتىھان مەسىلىسىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق جاۋاب بېرىدىكەن، بۇنىڭ بىزنىڭ خىزمەت ئىزدىشىمىزگە ياردىمى بار»، دېدى تېڭ گېسى.

  «بىز ئالىي مەكتەپنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇلۇشىنى تايانچ قىلىپ، خىزمەت ئىزدەش، تەكلىپ قىلىش، ئىش ئورنىنى تونۇشتۇرۇش، سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش، خىزمەت ھاياتىنى پىلانلاش، قىسقىچە تەرجىمىھالىغا دىياگنوز قويۇش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەتنى يولغا قويۇپ، مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدا ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىمىز»، دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى چيەن لېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.