مۇھەررىر:
مەريەمگۈل يۇنۇس
|
مەنبە:
ئانار بۇلۇت
2024/11/12 11:45
ھەقىقىي ئەھۋال: بۇ بىر خاتا قاراش. ئاچ قورساق چاغدىكى قان شېكىرى بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈپ 8 سائەتتىن 12 سائەتكىچە تاماق يېمەي، ئەتىسى سەھەردە (ئادەتتە سائەت 6:00دىن 8:00گىچە) تاماق يېيىشتىن بۇرۇن ئۆلچەنگەن قان شېكىرىنى كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئاچ قورساق چاغدىكى قان شېكىرى ئەتىگەنلىك تاماقتىن بۇرۇنقى قان شېكىرى بولمايدۇ.
تەھلىل: ئاچ قورساق چاغدىكى قان شېكىرى ئورگانىزمنىڭ ئاساسىي ھالەتتىكى قان شېكىرى سەۋىيەسى ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىلىرى ھۈجەيرىلىرىنىڭ قان شېكىرىنىڭ داۋالغۇشىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئۇ قان شېكىرىنى باشقۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈشتىكى مۇھىم پايدىلىنىش ئۆلچىمى. ئەتىگەنلىك تاماقتىن بۇرۇنقى قان شېكىرى ئالدىنقى كۈندىكى كەچلىك تاماق، كېچىدە يېيىلگەن تاماق، ئۇيقۇ سۈپىتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولغاچقا، ئاچ قورساق چاغدىكى قان شېكىرى سەۋىيەسىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈش ناھايىتى تەس.
ئاچ قورساق چاغدىكى قان شېكىرىنى توغرا ئۆلچەش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈپ ئۇدا 8 سائەتتىن 12 سائەتكىچە تاماق يېمەسلىك، بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەندىن كېيىن ئەتىگەندە قان ئېلىپ تەكشۈرۈش، قان ئېلىشتىن بۇرۇن قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورا، يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك ھەم قاتتىق ھەرىكەت قىلماسلىق كېرەك؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ئالدىنقى كۈنى كەچتە نورمال غىزالىنىش، زىيادە تاماق يېمەسلىك ياكى ئاچ قالماسلىق كېرەك؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ياخشى ئۇخلاش ۋە كەيپىيات ھالىتىنى ساقلاش كېرەك.
پايدىلانغان مەنبە: ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى ئۆگىنىش سۇپىسى
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.