ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى خەن جىن، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ شياۋ
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «قوغدىنىش خاراكتېرلىك ھەيدەش» تەدرىجىي ھالدا كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىردى، «قوغدىنىش خاراكتېرلىك ھەيدەش» دېگەن نېمە؟ ئۇ بىزگە قانداق پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟ قانداق قىلغاندا «قوغدىنىش خاراكتېرلىك ھەيدىگۈچى» بولالايمىز؟

«قوغدىنىش خاراكتېرلىك ھەيدەش» دېگىنىمىز − يۈرۈش جەريانىدا، شوپۇر ھەيدەش مۇھىتىنى ئەتراپلىق كۆزىتىپ، يول ئەھۋالى، پىيادىلەر ھەم مۇھىت قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئېنىقسىز بولغان يوشۇرۇن خەۋپ ئامىللىرىنى توغرا مۆلچەرلەپ، يول بېرىش، سۈرئەتنى ئاستىلىتىش ياكى توختىتىش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشنى كۆرسىتىدۇ.
ياخشى بولغان ئاپتوموبىل ھەيدەش ئادىتى قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، ئادەت خاراكتېرلىك توغرا مەشغۇلات دەل «قوغدىنىش خاراكتېرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش»نىڭ ئىچكى يادروسى. تۆۋەندىكى دېلو مىسالى ئارقىلىق «قوغدىنىش خاراكتېرلىك ھەيدەش»كە قارىتا تېخىمۇ بىۋاسىتە تونۇشقا ئىگە بولغىلى بولىدۇ.
دېلو مىسالى
10- ئاينىڭ 15- كۈنى، G7 بېيجىڭ- شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ چاڭچۇن يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى بۆلىكىدە، بىر چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىغا بېسىلغان يۈك چىڭ تېڭىلمىغاچقا، لىڭشىپ قالغان. ئارقا تەرەپتە يانداپ ئۆتۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان پىكاپ شوپۇرى ۋۇ ئۇستام يۈك ئاپتوموبىلىنى يانداپ ئۆتكەندە، بىر نەچچە بولاق يۈكنىڭ ئاپتوموبىلنىڭ سىلكىنىشىگە ئەگىشىپ كەينىگە سىيرىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىغان.
تەجرىبىسى مول ۋۇ ئۇستام قىلچە ئىككىلەنمەستىن دەرھال تورمۇزلاپ سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن بولغان ئارىلىقنى يىراقلاشتۇرغان ھەم ئاستا- ئاستا ئوڭ تەرەپكە قاراپ يول ئۆزگەرتكەن. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، يۈك ئاپتوموبىلىدىكى بىر نەچچە بولاق مال سىيرىلىپ چۈشۈپ، ۋۇ ئۇستام يانداپ ئۆتمەكچى بولغان يولغا چۈشكەن.
ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە زېھنىنى يىغىش، يول ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش، ئىنچىكە كۆزىتىش، ئالدىن ھۆكۈم قىلىش، كەسكىن ئىنكاس قايتۇرۇش، توغرا مەشغۇلات قىلىش قاتارلىق بىر قاتار «دەرسلىك شەكلى»دىكى ئۇسۇللار دەل بىز دەۋاتقان «قوغدىنىش خاراكتېرلىك ھەيدەش»كە كىرىدۇ.
ۋۇ ئۇستام ساقچىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى كازىۋەن چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى نەق مەيدانغا ۋاقتىدا يېتىپ كېلىپ يول يۈزىنى تازىلىغان.
دۇەندۇەننىڭ سۆزى
«قوغدىنىش خاراكتېرلىك ھەيدەش» شوپۇرنىڭ يوشۇرۇن خەۋپنى تېخىمۇ ياخشى مۆلچەرلەپ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ، يەنە چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەش ۋە تەشۋىشلىنىشنى ئازايتىپ، شوپۇرنى ئاپتوموبىل ھەيدەش جەريانىدا تېخىمۇ تەمكىن قىلىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تەرتىپ باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى تەرتىپ باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن چوڭ ئەترەت باشلىقى جاڭ دۇەنخەي مۇنداق بىلدۈردى: «قوغدىنىش خاراكتېرلىك ھەيدەش» ئاڭلىماققا «مۇرەككەپ»تەك بىلىنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مەشغۇلات قىلىش تەس ئەمەس، پەقەت تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرسىلا بولىدۇ.
1. يېتەرلىك كۆرۈش ئارىلىقىنى ساقلاش − بىر قەدەر يىراق بولغان كۆرۈش ئارىلىقىنى ساقلاپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئالدى تەرەپتىكى كۆرۈش دائىرىسىدىكى يۈرۈش ھۆكۈمى چىقىرىشقا پايدىلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا بايقاپ، بىھۇدە سۈرئەتنى ئاستىلىتىشتىن ساقلىنىشقا پايدىلىق.
2. ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆزىتىش − ئاپتوموبىل ھەيدەش جەريانىدا كۆرۈش دائىرىسىدىكى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت قىلىپ، كۆرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئىككى تەرىپى ۋە ئارقا تەرىپىدىكى يول يۈزى ئۇچۇرلىرىنى، جۈملىدىن كۆرۈش سىزىقىدىكى كۆرۈنمەس رايوننى كۆزىتىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن توغرا قارار چىقارغىلى ھەم تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋاللارغا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.
3. ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش − شوپۇرنىڭ كۆرۈش دائىرىسى ئاپتوموبىل سۈرئىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تارىيىدۇ، ھەرىكەتلىك كۆرۈش قۇۋۋىتىمۇ ئاپتوموبىل سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ، شوپۇر ئۆزىنىڭ يول ئەھۋالى ئۇچۇرلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن مۇۋاپىق يۈرۈش سۈرئىتىنى تاللىشى كېرەك.
4. دىققەتنى چاچماي ھەيدەش − ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە دىققىتى چېچىلسا شوپۇرنىڭ يول ئەھۋالى ئۇچۇرىنى كۆزىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ، ئۈنۈملۈك كۆزىتىش كەمچىل بولسا، «قوغدىنىش خاراكتېرلىك ھەيدەش» تەلىپى بويىچە قارار چىقىش ۋە ھۆكۈم قىلىشقا ئامالسىز قالىدۇ.