مائارىپ مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭىدىن يولغا قويۇلغان يەسلى مائارىپى قانۇنىغا چۈشەنچە بەردى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: يېڭىدىن يولغا قويۇلغان يەسلى مائارىپى قانۇنىدا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مۇھىم مەزمۇن قىلىنىپ، يەسلى مائارىپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنىڭ سالاھىيەت تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى، يەسلى باشلىقلىرى، پەرۋىش خادىملىرى، ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق خادىملىرى قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەندى.
خادىم سەپلەشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى سەپلەش ئۆلچىمىنى بېكىتىش تەلەپ قىلىندى، يەسلى ۋە ئۇنىڭ قۇرغۇچىلىرى مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم بويىچە ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا خىزمەتچى خادىملارنى تولۇق، يېتەرلىك سەپلىشى كېرەك.
تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىش كېرەك، يەسلىلەر ئوقۇتقۇچى قاتارلىق خادىملارنى تەكلىپ قىلغاندا، مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى ھەم ئارقا كۆرۈنۈشىنى سۈرۈشتۈرۈشى ۋە سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى كېرەكلىكى؛ بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان، يەسلى مائارىپى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كەلمەيدىغان ئەھۋال ساقلانغانلارنى تەكلىپ قىلىشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەندى.
تەمىنات كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەسلى ۋە ئۇنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش پاراۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكى بەلگىلەندى، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشىنى مالىيە كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىندى، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالاپ بېكىتىش، ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ يەسلى مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، ھەر خىل شەكىلدىكى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەكلىكى بەلگىلەندى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى