تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

​دېھقانلار كەنتلەرنىڭ يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە باشتىن - ئاخىر قاتناشسا بولىدۇ

ئىككى تارماق «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، كەنتلەرنىڭ يىرىك پىلانىنى تۈزۈش سۈپىتى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ئالاقىدار ھۆججەت بېسىپ تارقاتتى​

دېھقانلار كەنتلەرنىڭ يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە باشتىن - ئاخىر قاتناشسا بولىدۇ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

كەچ كۈز پەسلىدە، قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىنىڭ بەشكەنت بازىرى توقامئېرىق كەنتىدە، ئالتۇن رەڭگە كىرگەن توغراقلىق كىشىلەرنى سۈرەتكە تارتىش، داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى، قۇملۇق ساھىل ئاپتوموبىلى، كادىن ماشىنىسى، ھەقىقىي ئادەم CS قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى، كەنتتىكى ئۇششاق يېمەكلىكلەر دۇكىنى، كاۋاپ يايمىلىرى ئادەمگە لىق تولۇپ، سودىسى قىزىپ كەتتى.

توقامئېرىق كەنتى يەكەن دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان تىزناپ دەرياسىغا يېقىن بولۇپ، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش ئىدارىسى، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش تەتقىقات مەركىزى بۇ كەنتنى «كۆپ خىل يىرىك پىلاننى بىرلەشتۈرۈش» بويىچە ئەمەلىي قوللىنىشچان كەنت يىرىك پىلانىنى سىناق قىلىش نۇقتىسى قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كەنت ئاھالىلىرىنى باشتىن - ئاخىر قاتنىشىشقا يېتەكلەش، كۆپ خىل سانلىق مەلۇماتلار بىلەن يىرىك پىلان تۈزۈشكە ياردەم بېرىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، خاس ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بۇ كەنتنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچان كەنت يىرىك پىلانىنى تاماملاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەمەلىي قوللىنىشچان كەنت يىرىك پىلانى ئۈلگىسى يارىتىپ بەردى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى «<مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى> تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، كەنتلەرنىڭ يىرىك پىلانىنى تۈزۈش سۈپىتى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، كەنتلەرنىڭ يىرىك پىلانىنى تۈزۈش سۈپىتى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى بوشلۇق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«<ئۇقتۇرۇش>تا، ناھىيە رايونىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادى ۋە پەن - تېخنىكا ئۇچۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مۇئاۋىن تەتقىقاتچى ۋاڭ شياۋۋېي مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىللىق مەركەزنىڭ 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتىدە، ناھىيە رايونىدىكى دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى يىرىك پىلانلاشتا شەھەر - بازار، كەنت، كەسىپ باغچە رايونى قاتارلىق بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «ئۇقتۇرۇش»تا بۇ تەلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مۇنداق ئېنىق كۆرسىتىلدى: ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ناھىيە رايونى، بازار، كەنت سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان كەنتلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نوپۇس، كەسىپلەرنى مۇۋاپىق توپلاپ، ئىخچام ئورۇنلاشتۇرما قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ناھىيە رايونىدىكى كەسىپ باغچە رايونى، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىقلارنىڭ بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئەلالاشتۇرۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى بويىچە ناھىيە رايونى ئومۇمىي ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە مۇنداق تەكىتلەندى: ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، كەنت يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنى تۈرگە ئايرىپ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، تاماملاش كۆرسەتكۈچى ۋە تاماملاش ۋاقىت چېكى چۈشۈرمەسلىك، كەنت يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە «ئومۇميۈزلۈك قاپلاش»نى قارىغۇلارچە قوغلاشماسلىق، تۈزۈش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىدە «تەڭ قەدەمدە مېڭىش» ۋە نەتىجىلەرنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىدە «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»نى تەلەپ قىلماسلىق كېرەك.

ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە، يېزا - كەنت بوشلۇقىنى لايىھەلەش ۋە قىياپىتىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى قانداق كۈچەيتىش كېرەك؟ ۋاڭ شياۋۋېي مۇنداق بىلدۈردى: «ئۇقتۇرۇش»تىكى تەلەپلەر بويىچە، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزا - كەنت بوشلۇقىنى لايىھەلەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. پۈتۈن رايون، پۈتۈن ئامىللىق تەلەپ بويىچە، ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى كەنتلەرنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، ئېكولوگىيە قانۇنىيىتى ھەمدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرمۇش ئادىتى، ئەنئەنىسى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بوشلۇقىدىن ئىلمىي، بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى پايدىلىنىپ، تۇرمۇش بوشلۇقىنى مۇۋاپىق ياخشى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى قاتتىق ياخشى قوغداپ، چوڭ گۈزەللىك، كىچىك گۈزەللىك بولۇش (چوڭ گۈزەللىك پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە چوڭ مەنزىرىلەرنى كۆرسىتىدۇ، كىچىك گۈزەللىك پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېھقان - چارۋىچىلار ھويلا - ئارانلىرىنىڭ خاس گۈزەللىكىنى كۆرسىتىدۇ)، ئۆز گۈزەللىكىدىن زوقلىنىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ھەممە كەنتنىڭ قىياپىتى بىر خىل بولۇش»نى قەتئىي توسۇش كېرەك.

«<ئۇقتۇرۇش>تا يەنە بىر مۇھىم تەلەپ بار، يەنى ئاشلىق بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكى ۋە تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش چېكىنى ساقلاش كېرەك.» ۋاڭ شياۋۋېي مۇنداق دېدى: تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى ياخشى ساقلاش مەسىلىسىگە قارىتا، «ئۇقتۇرۇش»تا، يېزا - كەنتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكى، ئېكولوگىيە ۋە قۇرۇلۇش بوشلۇقىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تېرىلغۇ يەرنى «سان، سۈپەت، ئېكولوگىيە» سىستېمىسى بويىچە تۇتاش قوغداشقا يېتەكلەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تارىخنى قوغداش تۆۋەن چېكىنى ياخشى ساقلاش مەسىلىسىگە قارىتا، «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت كەنتى، ئەنئەنىۋى كەنت قاتارلىق ئالاھىدە قوغداش تۈرىدىكى كەنتلەر يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشتا تۈرلۈك مىراسلارنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى باشقۇرۇش تەلىپىنى بىرتۇتاش كىرگۈزۈپ، يەردىن پايدىلىنىش، بوشلۇق شەكلى، قىياپىتىنى يىرىك پىلانلاشتا باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، يېتەكلەش تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «ئىككى ياقلىمىلىق» قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

كەنت يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش كۆپ تارماققا مۇناسىۋەتلىك، يىرىك پىلان مەقسىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى، يولغا قويۇلۇشىغا قانداق ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟

ۋاڭ شياۋۋېي مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدا، دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش زۆرۈر. «ئۇقتۇرۇش»تا، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلىدىغان، تەبىئىي بايلىق مەسئۇل تارماقلىرى بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، ئالاقىدار تارماقلار ماسلىشىدىغان، كەنت ئاھالىلىرى ۋە كوللېكتىپ تەشكىلاتلار باشتىن - ئاخىر قاتنىشىدىغان يىرىك پىلان تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان مېخانىزم ئورنىتىپ ۋە ئۇنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ۋە ئىدارە قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش تەكىتلەندى.

«كەنت يىرىك پىلانىنىڭ شەھەر يىرىك پىلانىدىن پەرقلىنىدىغان يېرى شۇكى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئارزۇسى يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا ئىنتايىن مۇھىم.» ۋاڭ شياۋۋېي مۇنداق دېدى: كەنت يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، يولغا قويۇشتا، دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغاش كېرەك. «ئۇقتۇرۇش»تا «دېھقانلارنى قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش + كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى كۈچ قوشۇش + شۇ جاينىڭ يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تۆھپە قوشىدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش» پىكىر يولى بويىچە، دېھقانلار ياقتۇرىدىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، كەنت يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئاساسىي مەزمۇنىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى كەنت يىرىك پىلانىغا قارىتا ئاساسىي چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى كەنت يىرىك پىلانىنىڭ كەنتنىڭ كەسىپ يىرىك پىلانى، ساياھەت يىرىك پىلانى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يىرىك پىلانى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى يىرىك پىلانىنى لايىھەلەش لايىھەسى قاتارلىق يىرىك پىلانلار بىلەن بولغان پەرقىگە قارىتا ئاساسىي تونۇشقا ئىگە قىلىش كېرەك.

«دېھقانلارنىڭ قاتنىشىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، <ئۇقتۇرۇش>تا يەنە كەنت يىرىك پىلانى نەتىجىلىرىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى بېيىتىشقا ئىلھام بېرىلدى، بىۋاسىتە، چۈشىنىشلىك نۇسخا ئىشلەپ، دېھقانلارنى كۆرۈپ چۈشىنىش، ياخشى مەشغۇلات قىلىش، نازارەت قىلالايدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلسا بولىدۇ.» ۋاڭ شياۋۋېي مۇنداق دېدى: «ئۇقتۇرۇش»تىكى تەلەپ بويىچە، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كەنت يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، يېزىلاردىكى بېيىش باشلامچىلىرى، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتقانلار، سودا قىلىۋاتقانلار قاتارلىقلارنى چارە - تەدبىر كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، كەنت يىرىك پىلانىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە يولغا قويۇلۇشچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. كەنت دەرىجىلىك ئىشلاردا دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرى مۇزاكىرە قىلىش، لايىھەنى سېلىشتۇرۇپ تاللاش، لايىھەنى ئېلان قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كەنت يىرىك پىلانىنى ياخشى يولغا قويۇش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىش كېرەك.

■ئەسكەرتمە 1

گۈزەل يېزا - كەنت خاس قىياپىتىنى يارىتىش كېرەك

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا - كەنت بوشلۇقىنى لايىھەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، گۈزەل يېزا - كەنت خاس قىياپىتىنى يارىتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئىقتىساد، تۇرمۇش، ئېكولوگىيە ۋە بىخەتەرلىك ئېھتىياجىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەبىئەت، تارىخ، يېزا يەرلىك مەدەنىيىتى ۋە تېرىقچىلىق مەنزىرە بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نوپۇس، كەسىپ، يەر ۋە مۈلۈك مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يەردىن پايدىلىنىش ۋە ئىقتىدار ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش، يەسلى، دەپنە ئىشلىرى قاتارلىق يېزا - كەنت ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ مۇۋاپىق بوشلۇق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېزا، كەنت، مەھەللىلەرنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىك بۆلىكىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، ئاپەت، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش رايونىنى ئايرىپ، تارقاقلاشتۇرۇش بوشلۇقى ۋە يولىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ناھىيە رايونىدىكى بىخەتەرلىك جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنى جىپسىلاشتۇرۇپ، يېزا - كەنت رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئەۋرىشىملىكىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

■ئەسكەرتمە 2

پىلانلىغۇچىلار يېزىلارغا چۈشۈپ مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: يېزا - كەنت رايونلىرىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسىنى تەكشۈرۈپ تارقىتىشنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ يەر ئىشلىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئالاقىدار تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە سىياسەت قائىدىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا - كەنت مەسئۇل پىلانلىغۇچىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىزىمغا ئېلىنغان شەھەر - يېزا پىلانلىغۇچىلىرىنى داۋاملىق تەربىيەلەش مەزمۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر - يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزىدىغان ئورۇن ۋە پىلانلىغۇچىلار يېزىلارغا چۈشۈپ ئاممىۋى پاراۋانلىق مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەنت يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇنى ئورۇنلارنىڭ نەتىجىسىنى باھالاش ۋە پىلانلىغۇچىلارنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاشنىڭ نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرى قىلىپ، شۇ جاينىڭ يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تۆھپە قوشىدىغان ئىختىساسلىقلارنى پائال يېتىشتۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.