شىنجاڭدا «119» ئوت مۇداپىئەسى تەشۋىقات ئېيى پائالىيىتى باشلاندى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جوۋ يۈەن) 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى 33 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئوت مۇداپىئەسى كۈنى، 11 - ئاي مەملىكەت بويىچە ئوت مۇداپىئەسى تەشۋىقات ئېيى. مۇخبىرنىڭ 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىدارىسى 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى بېيجىڭدا 2024 - يىللىق مەملىكەت بويىچە ئوت مۇداپىئەسى تەشۋىقات ئېيى پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ يىلقى پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى «ئومۇمىي خەلق ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش».
جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇنداق بىلدۈردى: پائالىيەت مەزگىلىدە تۈرلۈك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەشكىللەپ، ئوت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكى بويىچە خەلق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولۇش؛ رادىيو - تېلېۋىزىيە، تور - يېڭى تاراتقۇ قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، تەشۋىقاتنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئوت مۇداپىئەسى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيە بازىسى، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پونكىتى قاتارلىقلارنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىش؛ ئوت ئاپىتى مىساللىرىنى تەشۋىق - تەربىيەدىكى جانلىق دەرسلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەتراپتىكى ئوت ئاپىتى مىساللىرى ئارقىلىق ئاممىنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش؛ تۈرلۈك كارخانا، ئورۇنلار، بولۇپمۇ ئوت مۇداپىئەسى بويىچە نۇقتىلىق ئورۇنلارنى بارلىق خادىملارنى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئالاھىدە مەشغۇلات، نۇقتىلىق ئىش ئورنىدىكى خادىملارنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلات، ئەمەلىي مەشىق قىلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك.
بۇ مەسئۇل كىشى يەنە مۇنداق بىلدۈردى: مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە، مەنبەدىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، توكلۇق ۋېلىسىپىت بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى پۈتۈن زەنجىرلىك تۈزەش، ئوت مۇداپىئەسى «ھاياتلىق يولى»نى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى پاش قىلىش يوللىرىنى كۆپ خىل يول بىلەن ئېلان قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى ئىچكى قىسىمدا دوكلات قىلىش، مۇكاپاتلاش مېخانىزمىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كونا مەيدان - سورۇنلاردىكى ئوت مۇداپىئەسى ئۈسكۈنە - ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، نەرسە تورى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، «كۆزىتىش - ئۆلچەشكە بولىدىغان، ئالدىن سىگنال بېرەلەيدىغان، تېز بىر تەرەپ قىلىدىغان» ئوت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكى بويىچە خەۋپ - خەتەرنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.
باشلىنىش مۇراسىمىدا، ئاساسىي پائالىيەت مەيدانى يەنە بېيجىڭ، جېجياڭ، گۇيجوۋ، شەنشى، چۇڭچىڭ، خۇنەن قاتارلىق ئالتە ئۆلكىدىكى پائالىيەت نەق مەيدانلىرىغا سىنلىق ئۇلاندى.
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، شىنجاڭ «119» ئوت مۇداپىئەسى تەشۋىقات ئېيى پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تور ۋە تور سىرتى شەكلىدە پۈتۈن شىنجاڭدا نۇرغۇن شۆبە پائالىيەت مەيدانى تەسىس قىلىندى.
شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تارماقلىرى تەۋەلىكتىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، «ئوت مۇداپىئەسى تەشۋىقاتى بويىچە 11.9 كىلومېتىرغا ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش» «توكلۇق ۋېلىسىپىت ئوت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش» «ئوت مۇداپىئەسى بىلىملىرىدىن مۇكاپاتلىق سوئال - جاۋاب» «ئوت مۇداپىئەسى ئوبراز ئەلچىلىرى ئۆمىكى <بەشكە كىرىپ> تەشۋىق قىلىش» قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى مەركەزلىك قانات يايدۇردى.
باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىغا غۇلجا شەھىرىدىكى شۆبە پائالىيەت مەيدانى سىنلىق ئۇلاندى، شۇ جايدىكى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تارماقلىرى ئىلى خۇەنچيۇۋگاڭدا ئوت مۇداپىئەسى چوڭ سەھنىسى ۋە ئوت مۇداپىئەسى بازىرى تەسىس قىلغان، ئوت مۇداپىئەسى بازىرىدا ئوت مۇداپىئەسى بويىچە مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى، ئوت مۇداپىئەسى يوشۇرۇن خەۋپى بويىچە مەسىلە تېپىش ئويۇنى، ئوت مۇداپىئەسى تەشۋىقاتى بويىچە مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق كۆپلىگەن نۇقتىلار بار بولۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىنى پائال قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.
قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى شۆبە پائالىيەت مەيدانىدا، ئوت مۇداپىئەسى تەشۋىقاتى بويىچە «سىر ئۈستىدە ئىزدىنىش» داكا قىلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، پائالىيەتكە قاتناشقان ئامما نەق مەيداندا ساۋما قىلىپ سوئاللارغا جاۋاب بەردى، تولۇق نومۇر ئالغانلار مۇكاپات بۇيۇمى ئىزدەش يىپ ئۇچى كارتىسىغا ئېرىشەلەيدۇ، توغرا جاۋاب بېرەلمىسە، داۋاملىق سوئالغا جاۋاب بېرىشكە جەڭ ئېلان قىلسا بولىدۇ. «تېما ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش، دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش، قېچىپ قۇتۇلۇش، ئۆز - ئۆزىنى قۇتقۇزۇش قاتارلىق كۆپ جەھەتتىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، قاتناشقۇچىلارنى سوئاللارغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا ئوت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى ئاسانلا ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.» قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتىنىڭ ئوت مۇداپىئەسى تەشۋىقاتچىسى لى خەنشۆ مۇنداق دېدى: پائالىيەتتە يېتەكلىگۈچى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قاتناشقۇچىلارنى سوئاللارغا جاۋاب بېرىش يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدۇق، يەنە كۆپچىلىكنىڭ ئوت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى ھەر خىل سوئاللىرىغا جاۋاب بەردۇق.
ئىگىلىنىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قومۇل شەھىرى، قاراماي شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردىكى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تارماق ئەترەتلىرى يۈرۈشلۈك ئوت مۇداپىئەسى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە كەڭ ئاممىنى ئوت مۇداپىئەسى خىزمىتىگە پائال قاتنىشىپ ۋە قوللاپ، ئوت مۇداپىئەسى قانۇن - نىزاملىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ئوت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكى ئېڭى ۋە ئۆزى مۇداپىئەلىنىش، ئۆز - ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ياخشى بولغان ئوت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكى مۇھىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا يېتەكلىگەن.