تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​تاموژنا تەجرىبىخانىسى پورتقا كۆچۈرۈلدى

قورغاس​

تاموژنا تەجرىبىخانىسى پورتقا كۆچۈرۈلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي

10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، قورغاس تاموژنىسى تەكشۈرۈش 3 - بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم ئەزاسى دياۋ جىخاۋ خىزمەتداشلىرى بىلەن قورغاس تۆمۈريول پورتى يۈك مەيدانىغا كېلىپ، تاپشۇرۇۋالغان مال ئۇچۇرىغا ئاساسەن ئالاتاۋ خۇڭئەن خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى گاۋ ياڭ بىلەن بىللە مۇناسىپ يۈك ساندۇقىنى ئىزدىدى.

10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئالاتاۋ خۇڭئەن خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتى قازاقىستاندىن ئىمپورت قىلىنغان بىر تۈركۈم كۆك پۇرچاقنى تاموژنىغا مەلۇم قىلدى. «ئىمپورت ئاشلىقنىڭ ھەممىسى تەكشۈرۈپ - كارانتىن قىلىنىپ، لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئاندىن جۇڭگو بازىرىغا كىرەلەيدۇ» دېدى دياۋ جىخاۋ.

دياۋ جىخاۋ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە سۈزۈك ھىملاش خالتىسى ۋە ئەۋرىشكە ئالغۇچنى ئېلىپ، يۈك ساندۇقىنى ئېچىپ، خالىغان ئورالما خالتىدىن ئازراق كۆك پۇرچاقنى ئېلىپ ھىملاش خالتىسىغا سالدى. ئارقىدىن بۇ كۆك پۇرچاق ئەۋرىشكىسى ئانچە يىراق بولمىغان غۇلجا تاموژنىسى تېخنىكا مەركىزى قورغاس پورتى خىزمەت بۆلۈمىگە ئاپىرىلىپ، تەكشۈرۈپ - كارانتىن قىلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ئەۋرىشكىلىرىنى غۇلجا تاموژنىسى تېخنىكا مەركىزىنىڭ غۇلجا تەجرىبىخانىسىغا ئاپىرىشقا توغرا كېلەتتى. بۇ يىل غۇلجا تاموژنىسى تېخنىكا مەركىزى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش، مىكرو ئورگانىزملارنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش كەسپىنى پورت بىرىنچى سېپىگە چۈشۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن، قورغاس پورتىدىكى كارخانىلار شۇ جايدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مىكرو ئورگانىزم بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆلچىيەلەيدىغان ۋە ئۆسۈملۈك مورفولوگىيەسى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆلچىيەلەيدىغان بولدى.

«ھازىر ئىمپورت قىلىنغان بۇغداي قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پورتتىلا تەكشۈرۈش - كارانتىن قىلىشنى تاماملىغىلى بولىدۇ، بۇ، كارخانىلار ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە خىراجەتنى تېجەپ بەردى.» گاۋ ياڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى تەكشۈرۈش ئۈچۈن غۇلجا شەھىرىگە ئەۋەتەتتۇق، ئادەتتىكى تەكشۈرۈش - ئۆلچەشنىڭ نەتىجىسى ئىككى - ئۈچ كۈندە ئاران چىقاتتى. پورتتا، بىر يۈك ساندۇقى بىر كۈن تۇرۇپ قالسا 300 يۈەن چىقىم بولىدۇ، 15 يۈك ساندۇقى ئىككى كۈن تۇرۇپ قالسا، جەمئىي 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن چىقىم بولىدۇ.

«ھازىر، شۇ جايدا تەكشۈرۈش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئادەتتىكى تەكشۈرۈش - ئۆلچەشتە بۈگۈنى يوللانسا، ئەتىسىلا نەتىجىسى چىقىدىغان بولدى.» گاۋ ياڭ مۇنداق دېدى: نەتىجىنى ئالغاندىن كېيىن ماللار پورتتىن چىقىرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ماللارنىڭ پورتتا توختاش ۋاقتى قىسقىراپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخى تۆۋەنلىدى.

قورغاس پورتى شىنجاڭدىكى ئاشلىق ئىمپورت قىلىش مىقدارى بىر قەدەر كۆپ پورت بولۇپ، ئىمپورت قىلىشتىكى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ۋاقتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى بىرقەدەر چوڭ.

ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تاموژنىسى 5 - ئايدا ئىمپورت قىلىنغان نۇقتىلىق تاۋارلارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى قىسقارتىشقا دائىر «ئون تۈرلۈك تەدبىر»نى نۇقتىدا سىناق قىلىپ قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش ۋە پورتنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ ئىمپورت قىلىش ھالقىسىدىكى نۇقتىلىق تاۋارلارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى بېسىپ تارقاتتى. غۇلجا تاموژنىسى تېخنىكا مەركىزىنىڭ ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش تۈرىنىڭ پورت بىرىنچى سېپىگە چۈشۈرۈلۈشى دەل بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك تەدبىر.

غۇلجا تاموژنىسى تېخنىكا مەركىزى قورغاس پورتى خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ جېنباۋ مۇنداق بىلدۈردى: تۈر پورتقا چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، پورت تەجرىبىخانىسىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەكشۈرۈش كەسپى بويىچە ئۆزى تەكشۈرۈش نىسبىتى %83كە يېتىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەكشۈرۈش ئەۋرىشكىسىنى يوللاش ۋە تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ئۈنۈمى %88 ئۆرلىدى.

نۆۋەتتە، قورغاستا تەبىئىي گاز، مىكرو ئورگانىزم، ئۆسۈملۈك قاتارلىق ساھەلەردىكى تەكشۈرۈش - كارانتىن قىلىشنى تاماملىغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.