شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ 11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەتنىڭ بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئەھۋالى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون يېقىندا «دۆلەتنىڭ بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ھەرىكەت لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ھەرىكەت لايىھەسى» دېيىلىدۇ)نى چىقارغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسەتلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يەنىمۇ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق كۆزلىمە نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملايدىكەن.
بۇ يىلدىن بۇيان، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان تاشقى مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت شىنجاڭنىڭ دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەتنىڭ ساقلانما مىقدار سىياسىتى ۋە بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچەپ ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇردى، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلىدى، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىدا ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتى نامايان بولدى، كۆپ تۈرلۈك ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ سانلىق مەلۇماتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.
9 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى پائال كۈچەيتىپ، «ھەرىكەت لايىھەسى»نى تەتقىق قىلىپ چىقىرىپ، جەمئىي ئالتە جەھەتتىكى ۋەزىپىنى بېكىتتى.
مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەش جەھەتتە، قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە مالىيە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، مالىيە خەۋپ ـ خەتىرى مۇداپىئە تېمىنى مۇستەھكەملەپ، سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسەتنى توپلاشتۇرۇپ ئەلالاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇردى.
يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش جەھەتتە، يىللىق سېلىنما نىشان ـ ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، تۈر مەبلىغىنى چىقىم قىلىش نىسبىتىنى دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ چوڭ ـ چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىپ، بەلگە خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم چوڭ ـ چوڭ قۇرۇلۇشلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، شەھەرلەرنى يېڭىلاشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردى.
ئاساسلىق ساھەلەردىكى ئىستېمالنى سىجىل كېڭەيتتى. تاۋار ئىستېمالى، مۇلازىمەت ئىستېمالىغا ماس كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، خاس ئىستېمال ۋە مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە ئىستېمالىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى، كەڭ كۆلەملىك ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈردى، ئالاھىدە كىشىلەر توپىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇردى، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.
كارخانىلارغا يار ـ يۆلەك بولۇش، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش جەھەتتە، مالىيە ـ باج سىياسىتى ۋە پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجى مەسىلىسىنى پۇختا ھەل قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، كارخانىلارنىڭ يەڭگىل جابدۇنۇپ يولغا چىقىشىغا، كۈچ توپلاپ تەرەققىي قىلىشىغا ئەڭ زور چەكتە ياردەم بېرىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۆي ـ زېمىن بازىرىنىڭ تۆۋەنلەشتىن توختاپ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. «ئاق تىزىملىك»تىكى تۈرلەرنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ يولغا قويۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ساقلانما تاۋار ئۆيلەرنى ھەزىم قىلىشنى تېزلىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئائىلىۋى ئۆي قەرزى يۈكىنى ئازايتتى، شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى پائال يولغا قويۇپ، شەھەر ئۆي ـ زېمىن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆي ـ زېمىن كارخانىلىرىنىڭ قەرز، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، تۇرالغۇ بويىچە «كونىسىنى سېتىش، يېڭىسىنى سېتىۋېلىش»نى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇردى.
كاپىتال بازىرىنى تىرىشىپ جانلاندۇردى. تەۋەلىكتىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ قوشۇۋېلىپ قايتا تەشكىللەشنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان ئامىللار بايلىقىنى قوشۇۋېلىپ قايتا تەشكىللەش ئارقىلىق كۈچىيىشى، ئەلالىشىشى، زورىيىشىغا مەدەت بەردى. پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ بازار قىممىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە مەدەت بېرىپ، سېلىنما قىممىتىنى ئۆستۈرۈپ، پايچىكلارنىڭ پايدىسىنى ئاشۇرۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىنى ئۇرغۇتتى.