تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا جەمئىيەت ئاساسى سالىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىگە قارىتا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى شىنجاڭدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

«جەمئىيەت خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ۋە خەلقنىڭ بەختلىك، ئامان، ساغلام بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك.» يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جەمئىيەت خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئورنى ۋە رولىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىن بۇيان جەمئىيەت خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن توغرا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىگە قارىتا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى شىنجاڭدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا جەمئىيەت ئاساسى سېلىشتىن ئىبارەت يۈكسەك بىردەك تونۇشنى شەكىللەندۈردى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىنىڭ يۈكسەكلىكى بىزنى چەكسىز ئىلھاملاندۇردى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، «ئىككى يېڭى» خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى زوۋ لىڭچۇن مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، مەركەز جەمئىيەت خىزمىتى يىغىنىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم - كوتسىز ياخشى تۇتىمىز.

«پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى ياخشى تۇتۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى) ۋە شەھەر - يېزا مەھەللىلىرىنى ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامغا كۈچ قوشۇش ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان ۋە ئۈنۈملۈك بولغان يېڭى تىپتىكى ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز.» زوۋ لىڭچۇن مۇنداق دېدى: يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېڭى جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر توپى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي جەھەتتە قاپلىشى ۋە خىزمەت جەھەتتە قاپلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك شەكلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر توپىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش ۋە مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى چاقىرىق كۈچى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، خەلقنىڭ ئەرز - شىكايىتى، خەلقنىڭ تەكلىپلىرىنى توپلاش، پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامنى باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، جەمئىيەت خىزمىتى كەسپىي ئىختىساسلىقلىرى، پىدائىيلار قاتارلىق قوشۇنلارنى كۈچلۈك قۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىنى ياخشى قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، «ئانار دانىسى مۇلازىمەت پونكىتى»نىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىمىز.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېڭى جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلار كۆپلەپ بارلىققا كېلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي جەھەتتىن ۋە خىزمەت جەھەتتىن ئوبرازلىق، ئۈنۈملۈك قاپلىشىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلار پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتتى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، شىنجاڭ كوئېنلۇن ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا قىسقۇچپاقا بېقىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، شورلۇق يەرلەردىن پايدىلىنىشنى يېڭى پىكىر يولى بىلەن تەمىنلىدى. «پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەمەلىي ئىشلەنسە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ، كۈچلۈك ئىشلەنسە رىقابەت كۈچىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ، ئىنچىكە ئىشلەنسە ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.» بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ خۇي مۇنداق دېدى: پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىركىتىمىزنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى داۋامىدىكى ئورنىنى دەل جايىدا تېپىپ، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمىز.

ئىدارە قىلىشقا كۈچەشتە مەھەللە ئالدىدا مېڭىشى كېرەك. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىگە قارىتا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى پەقەت جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋە مۇلازىمەت ئېغىرلىق مەركىزىنى ئاساسىي قاتلامغا يۆتكەشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولغاندىلا، ئاندىن ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ماڭا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇتتى» دېدى چۆچەك شەھىرى تىنچلىق كوچىسى يىڭپەن مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ دېشېڭ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چۆچەك شەھىرىنىڭ تىنچلىق كوچا باشقارمىسى يىڭپەن مەھەللىسى «سىرتقا چىقىپ» نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، «ئۆگىنىپ كېلىپ» ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، رەقەملەشتۈرۈش، بىر پونكىت شەكلىدىكى مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. «بىز ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كۆپ تەرەپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇش، ئاجىزلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، مەھەللىنى <تەشكىللىشى كۈچلۈك بولغان، مۇلازىمەتنى توختاتمايدىغان> بەختلىك ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز» دېدى ليۇ دېشېڭ.

جەمئىيەت خىزمىتى بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى، كۆپ تەرەپ ماسلىشىپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، جەمئىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ كۈچلۈك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش باش ئەترىتى ئوت مۇداپىئەسى بويىچە نازارەت قىلىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جىن يۈشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولۇپ نەتىجە يارىتىپ، جەمئىيەت خىزمىتى تارماقلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە تەشۋىق - تەربىيە خىزمىتىنى مەھەللە خىزمىتىگە سىڭدۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپىنى ئۆزى تەكشۈرۈش، ئۆزى تۈزىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئوت مۇداپىئە تەشۋىق - تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى كېڭەيتىپ، «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوت مۇداپىئەسىنىڭ خەلققە مۇلازىمەت قىلىشىدىكى <ئەڭ ئاخىرقى بىر مېتىر>ىنى راۋانلاشتۇرىمىز».

(مۇخبىر ليۇ شياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار گو لىڭ، رايىدە، پەرىزات ئابدۇل، جەزىرە نېسىپبېك)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.