تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەڭگۈ توختاپ قالمايدىغان مۇخبىرلاردىن بولايلى

□ شىن شىجيەن

بۈگۈن بىز 25 - قېتىملىق جۇڭگو مۇخبىرلار بايرىمىنى كۈتۈۋالدۇق، بۇ ئالاھىدە كۈندە، كەسىپداش بولغان سىزنىڭ، مېنىڭ ۋە ھەممىمىزنىڭ مۇخبىرلار بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!

يېقىندا، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە تاراتقۇ ئىسلاھاتى» باش تېما قىلىنغان 6 - نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، 106 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن تاراتقۇ مەشھۇر كىشىلىرى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار دەۋرىدە، تاراتقۇلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە پىكىر يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى؛ چاڭشادا ئېچىلغان 2024 - يىللىق جۇڭگو يېڭى تاراتقۇلار يىغىنىدا، رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ يېڭىچە ئىپادىلەش، چوڭ مودېل ئارقىلىق كۈچ قوشۇش قاتارلىقلار ئوخشاشلا مۇھىم تېما قىلىندى...

بۇ ئۇچۇرلار روشەن سىگنال تارقاتماقتا: AI بىز تەسەۋۋۇر قىلالمىغۇدەك سۈرئەت بىلەن ئاخبارات مۇسابىقە يولىغا بۆسۈپ كىردى، ھالبۇكى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تارقىتىش دەۋرىدە قانداق قىلىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش، كارامىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىش ھەربىر مۇخبىر ئۆزىنى قاچۇرسا بولمايدىغان مەسىلە.

دۇنيادا بىردىنبىر ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە ئۆزگىرىش. قوغۇشۇن ۋە ئوتتىن نۇر ۋە توكقىچە، رەقەملىشىش ۋە توردىن بۇلۇت ۋە تېرمىنالغىچە بولغان جەرياندا، تاراتقۇ خادىملىرى ئەزەلدىن ئۆزگىرىشلەردىن قورقۇپ باقمىدى، بەلكى «ئۆزگىرىش»كە يۈزلىنىپ ئىلگىرىلەپ، سۇمۇرغنىڭ ئوتتا تاۋلىنىپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىشىدەك تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بىر يىل ئىلگىرى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار چوڭ مودېل تېخنىكىسى شىددەتلىك تەرەققىي قىلىپ، ئەنئەنىۋى تېكىست يېزىش، سۈرەت ھاسىل قىلىش، سىن تەھرىرلەش قاتارلىق ئاخبارات مەزمۇنلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا خىرىس ئېلىپ كەلدى، كەسىپ ساھەسىدىمۇ «AI دەۋرىدە مۇخبىر نېمە ئىش قىلىدۇ» دېگەن سادالار پات - پات ئاڭلىنىپ تۇردى. ھالبۇكى، يېڭى تېخنىكىغا بولغان سەزگۈرلۈك ئىزچىل مۇخبىرلارنىڭ گېنىغا ئورناپ كەتكەن بولۇپ، قەيسەر مۇخبىرلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن قۇچاق ئېچىشنى تاللاپ، قەتئىي تۈردە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەش يولىغا ئاتلاندى.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھەرقانچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق AI نىمۇ قولىمىزدىكى قورالغا ئايلاندۇرالايمىز. بارغانسېرى كۆپلىگەن تاراتقۇلار AI ئارقىلىق ئاساسىي ئۇچۇرلارنى توپلاپ ۋە رەتلەپ، ئاندىن ئاخبارات كەسپىي بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ چوڭقۇر پىششىقلاپ، خەۋەر ئىشلەشنى تېخىمۇ ئۈنۈمگە ئىگە قىلىشنى سىناشقا باشلىدى. AI تېخنىكىسىنىڭ ياردىمىدە، شىنجاڭدىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى «ئورتاق گەۋدىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا بىر ئائىلە كىشىلىرى − تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يېڭى ناخشا ياڭرىتىش»ناملىق سىنلىق ناخشىنى، «<يىلپىز> شىنجاڭدا پەيدا بولدى! <قارلىق تاغ شاھى>نى بىرلىكتە قوغدايلى» ناملىق سىننى ئىشلىدى... كەڭ كۆلەمدە ياخشى باھاغا ئېرىشكەن بۇ AI ئاخبارات مەھسۇلاتلىرى دەل يېڭى دەۋردىكى تاراتقۇ خادىملىرىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تارقىتىش دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى.

تارقىتىش ھالىتىدە قانداق ئالمىشىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۇخبىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرگىنى يوق، «ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك» بولۇشتىن ئىبارەت قالتىس ماھارىتى ئەزەلدىن سۇسلىشىپ قالمىدى. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، AI يەنىلا ھەرقانچە ھۆكۈم سۈرگەن تەقدىردىمۇ، كەسپىي مۇخبىرلارنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.

نەق مەيدانغا بېرىش، ھەقىقىي ئەھۋالنى قېزىش مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ. بۇ يىل 1 - ئايدا، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى، شىنجاڭدىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ئاپەت يۈزبەرگەن رايونغا بىرىنچى ۋاقىتتا يېتىپ بېرىپ، نەق مەيداندىن نۇرغۇن بىرىنچى قول يازما، سۈرەت ۋە سىن خەۋەرلىرىنى ئەۋەتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتكە بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىدىغان، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان ھارارەت ۋە كۈچنى يەتكۈزدى. بۇ مۇخبىرلارنىڭ نەق مەيداندىكى مەزمۇت ئىزلىرى ھەمدە ئاخباراتنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىنى AIنىڭ تەقلىد قىلىشى ھەقىقەتەن تەس.

ھېسسىيات جەھەتتە ئورتاقلىشىش، كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سېلىش مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ. باۋدىڭ شۆيۈەنىدىكى غەربىي قىسىم مائارىپىغا ياردەم بېرىش بويىچە ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ھېكايىسى دەل مۇخبىرلارنىڭ قەلبىدىكى ھۆرمەت، چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان قەلىمى ئارقىلىق، كىشىلەرگە ئوت يۈرەك ياشلارنىڭ قۇملۇقنىڭ چېتىدە جۇلالىنىپ تۇرغان سەلتەنەتلىك ياشلىق باھارىنى نامايان قىلىپ، ئېكران ئالدىدىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ كۆز چاناقلىرىنى نەمدىدى. بۇ مېھىرلىك قەلب دۇنياسى، يۈكسەك ئەخلاق قىممىتى ئىنسانلاردىلا بولىدىغان مول ھېسسىيات ۋە مەنىۋى ھارارەت، بۇنى AIنىڭ تەقلىد قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس.

ھەرۋاقىت يولدا بولۇش، ھەرۋاقىت نەق مەيدانغا بېرىش مۇخبىرلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى. يېڭى تېخنىكا قانچە يېڭىلانغانسېرى، مۇخبىرلار قەدىمىنىڭ توختاپ قالماسلىقىغا شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. «پۈتۈن تاراتقۇلۇق ئىشلەش، تارقىتىشقا لايىقلاشقان خىزمەت مېخانىزمى ۋە باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى سىستېمىلىق ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك»، بۇ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا تاراتقۇلارغا قويۇلغان يېڭى تەلەپ. تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش چوڭ دولقۇنى ئۆركەشلەپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، ئۆزگىرىشكە قۇچاق ئېچىش، AIنى ھەمراھ قىلىش يولىدا، بىز پارتىيەنىڭ ساداسىنى يەتكۈزدۇق، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى ئەكس ئەتتۈردۇق، دەۋر ۋەزىيىتىنى خاتىرىلىدۇق؛ تېخنىكىغا قۇچاق ئېچىش، يۇغۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش يولىدا، زىممىمىزدە مەسئۇلىيەت، ئاياغ ئاستىمىزدا تۇپراق، قەلبىمىزدە نۇر بار!

مەڭگۈ توختاپ قالمايدىغان مۇخبىرلاردىن بولۇپ، AI بارالمايدىغان جايلارغا بارايلى. تېخنىكا مەيلى قانداق ئۆزگەرسۇن، دۇنيا قانداق ئۆزگەرسۇن، بىز ھامان مەڭگۈ توختاپ قالماي، «ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك بولۇش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «ئاقىل» كۈچلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەربىر سۆز - جۈملە، ھەربىر كۆرۈنۈش، ھەربىر سەھىپىدە ئىستېرېئولۇق، سۆيۈملۈك، رەڭدار جۇڭگونى نامايان قىلىمىز، ئىتتىپاق، ئېچىۋېتىلگەن، تەرەققىي قىلغان شىنجاڭنى نامايان قىلىمىز.

ئاخبارات سەپىرى شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان، غايىمىز ۋە قىزغىن مۇھەببىتىمىز بولغاچقا، بىز مەڭگۈ توختاپ قالمايمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.