تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى

    تىيانشان تورى−شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر پەرىزات ئابدۇل خەۋەر قىلىدۇ) 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى تۇنجى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تولۇق كۇرس مەكتىپى−شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى. 

 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى تۇنجى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تولۇق كۇرس مەكتىپى−شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى.

لۇ يىڭ فوتوسى


    شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى 2024-يىلى 5-ئايدا مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، خوتەن سىفەن ئالىي تېخنىكومى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومى بىرلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلغان، مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 2468 مو كېلىدۇ. نۆۋەتتە، تەسىس قىلىنغان پەنلەر قانۇنشۇناسلىق، مائارىپ ئىلمى، ئەدەبىيات، تەبىئىي پەن، سانائەت ئىلمى، يېزا ئىگىلىك ئىلمى، مېدىتسىنا، باشقۇرۇش ئىلمى، سەنئەت ئىلمىدىن ئىبارەت توققۇز چوڭ پەننى قاپلىغان بولۇپ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 22 مىڭ بولۇش پىلانلاندى.

10-ئاينىڭ 31-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى گىمناستىكا مەيدانىدا، ئوقۇغۇچىلار دەرستە (بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرەت).

ئابلىكىم ئىبراھىم فوتوسى

10-ئاينىڭ 31-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنىنىڭ ئالدى دەرۋازىسى (بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرەت).

ئابلىكىم ئىبراھىم فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.