تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

خاشيۇڭگوۋ مەنزىرە رايونىدا قىشتا كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدۇ

    11- ئاينىڭ 7- كۈنى، ياخشى جاي مەدەنىيەت- ساياھەت ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدا خاشيۇڭگوۋ مەنزىرە رايونىغا قىش پەسلىدە كىرىش بېلىتى ئالماسلىق سىياسىتى ھەم بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى مۇنداق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىندى: 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن 2025- يىلى 3- ئاينىڭ 28- كۈنىگىچە، مەنزىرە رايونىغا كىرگەن بارلىق ساياھەتچى ۋە ئۆزى ھەيدەپ كەلگەن ئاپتوموبىللار كىرىش بېلىتى ئالماسلىق سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

    ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە كۆڭۈللۈك ساياھەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېچىۋېتىلمىگەن رايونغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كىرىشىگە بولمايدۇ، پىيادە ماڭغاندا، ياغاچ ئاسما يولدا ماڭماسلىق كېرەك، بوران، يامغۇر، قار قاتارلىق ناچار ھاۋارايىدا، ئورمان رايونىدا بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت، تاغ ئىچىگە، ئورمانلىققا كىرىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ، شەخسىي بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتى تەدبىرلىرىنى ئۆز ئالدىغا ياخشى ئىشلەش كېرەك، جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا ياكى ياردەمگە موھتاج بولغاندا، ۋاقتىدا مەنزىرە رايونى خىزمەتچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش كېرەك.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئومۇملاشتۇرۇلدى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.