ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
مۇسابىقە 12- ئاينىڭ 22- كۈنى باشلىنىدۇ
11- ئاينىڭ 4- كۈنى سائەت 14:00تە، 2024- يىللىق ئۈرۈمچى قار- مۇز يېرىم مۇساپىلىك مارافون يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە تىزىملىتىش يولى ئېچىلدى، بىر ئايدىن كېيىن تىزىملىتىش يولى تاقىلىدۇ. مۇسابىقە 12- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۈرۈمچى نەنسەندىكى تىيانشان چوڭ جىلغىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 11- ئاينىڭ 4- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2024- يىللىق ئۈرۈمچى قار- مۇز يېرىم مۇساپىلىك مارافون يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچىنىڭ قىش پەسلىدىكى سېھرىي كۈچى داۋاملىق نامايان قىلىنىدىكەن.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە يېرىم مۇساپىلىك مارافون يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى (21.0975 كىلومېتىر) ۋە شادلىق يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى (تەخمىنەن بەش كىلومېتىر) تەسىس قىلىنغان. يېرىم مۇساپىلىك مارافون يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە 4000 ئادەم، شادلىق يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە 2000 ئادەمنى قاتناشتۇرۇش پىلانلانغان. 2024- يىللىق ئۈرۈمچى قار- مۇز يېرىم مۇساپىلىك مارافون يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى يەنىلا شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت باشقۇرۇش مەركىزىدە بولىدۇ.
ھەممەيلەن قىش پەسلىدىكى ئۈرۈمچىنى چۆچەك دۇنياسى دېيىشىدۇ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە قار- مۇز خاسلىقى ۋە ئۈرۈمچىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى بىرلەشتۈرۈلگەن، تىيانشان تاغ تىزمىسى ۋە بوغدا چوققىسى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولۇپ، ماھىرلار مۇسابىقە يولىدا بوغدا چوققىسىنى، تىيانشان چوڭ جىلغىسىنى كۆرەلەيدۇ. مۇسابىقە يولىدا بىر قىسىم داۋان يول بۆلەكلىرى بار، ئۇنىڭغا قىش پەسلىدىكى كىلىمات شارائىتى قوشۇلغاچقا، قىيىنلىق دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، ماھىرلار مۇسابىقىگە قاتنىشىش جەريانىدا ئۆزگىچە تەسىراتقا ئىگە بولىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك مارافون يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى، ئۈرۈمچى ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، نەنجىڭ شەنپاۋ تەنتەربىيە پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يۈرۈشتۈرۈشنى ئۈستىگە ئالغان.
مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتماقچى بولغان ماھىرلار 11- ئاينىڭ 4- كۈنى سائەت 14:00تىن 12- ئاينىڭ 3- كۈنى سائەت 15:00كىچە «2024- يىللىق ئۈرۈمچى قار- مۇز يېرىم مۇساپىلىك مارافون يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى»نىڭ مۇسابىقە ئورگان تور بېكىتى (https:// urumqimarathon.xempower.cn)گە كىرىپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ.
يەنە «善跑体育» ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسىغا ئەگىشىپ تىزىملاتسىمۇ بولىدۇ.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن يەنفاڭ خەۋىرى)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئومۇملاشتۇرۇلدى