تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ يېشىل ماكاننى قوغداش ئەمەلىي كۈچىنى قانداق نامايان قىلغانلىقىغا قاراڭ!

11-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئارقان بىلەن 100 مېتىرغا تېز يامىشىش تۈرى مەشىقى قىلماقتا.

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر زوۋ يى خەۋىرى، فوتوسى) «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئارقان بىلەن 100 مېتىرغا تېز يامىشىش مەشىقىگە قاتنىشىشىم، ئويلىمىغان يەردىن بىرىنچى بولدۇم، بۇنداق تۈر مەشىقىگە كۆپرەك قاتنىشىشىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خىزمىتىگە زور پايدىسى بولىدۇ» دېدى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى شىنجاڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە باش ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى نەزەرجان ئىلھام.

    شۇ كۈنى، شىنجاڭ ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپىدىكى ۋەنشېڭ چوڭ كۆۋرۈكىدە ئارقان بىلەن 100 مېتىر تېز يامىشىش، T شەكىللىك قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، قىيپاش تارتىپ چۈشۈرۈش بويىچە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قاتارلىق تۈر مەشىقلىرىنى قانات يايدۇردى.

11-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئارقان بىلەن 100 مېتىرغا تېز يامىشىش تۈر مەشىقى قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

    «بۈگۈن قانات يايدۇرۇلغان تۈرلۈك تۈر مەشىقلىرى ئادەتتىكى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، خەتەردىن قۇتقۇزۇشتا ناھايىتى كۆپ قوللىنىلىدۇ، يىگىتلەرنىڭ بەدەن ساپاسى خېلى ياخشىكەن، چىدامچانلىق ۋە رىتىمغا ناھايىتى تېزلا ماسلاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جابدۇقلارنى ئىشلىتىش، مەشغۇلات قىلىشتا تېخىمۇ پىششىق بولۇپ كەتتى» دېدى يېتەكچى جاڭ جەنشېڭ تونۇشتۇرۇپ.

    بۇ يىل 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 33-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى تەشۋىق-تەربىيە كۈنى، بۇ يىللىق ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى باش تېمىسى «ئومۇمىي خەلق ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش»، 11-ئاي پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئوت مۇداپىئە تەشۋىقات ئېيى بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تارماقلىرى كۆپ خىل شەكىلدىكى باش تېمىلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئوت مۇداپىئە قانۇن-نىزاملىرى ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇردى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ئېڭى ۋە خەتەردىن ساقلىنىش، قېچىپ قۇتۇلۇش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈردى.

11-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋەنشېڭ چوڭ كۆۋرۈكىدە تۈر مەشىقى قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

11-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئارقاننى چىڭىتماقتا.

11-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى يىغىلىشنى تاماملاپ، تۈر مەشىقى قىلىشقا تەييارلانماقتا.

11-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى تۆۋەنگە چۈشۈپ قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تۈر مەشىقى قىلماقتا.

11-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى تۆۋەنگە چۈشۈپ قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تۈر مەشىقى قىلماقتا.

11-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى تەقلىدى دالا مۇھىتىغا ماسلىشىش مەشىقى قىلماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.