مەنبە: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى
ئارخىپ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم،
ئىمتىھان بېرىپ تەكلىپ قىلىشقا قاتننىشىش، سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش-كۆزىتىش رەسمىيىتى بېجىرىش،
ئۇنۋان باھالاشقا ئىلتىماس قىلىش، پېنسىيەگە چىقىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئارخىپ ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇنداقتا، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئارخىپى قانداق يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ؟
@ ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار، بۇ ماقالىنى ياخشى ساقلىۋېلىڭلار!
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر مەكتەپتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، ئالىي مەكتەپلەر ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يۆنىلىشىگە ئاساسەن ئارخىپنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
ئورگان، دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ياكى نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئارخىپى ئىشقا ئورۇنلاشقان ئورۇنغا ياكى نىشانلىق ئورۇنلارنىڭ ساقلىشىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.
ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئارخىپى ئىشقا ئورۇنلاشقان جاي ياكى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى كۆچمە خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىنىڭ ساقلىشىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.
ۋاقتىنچە ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغان ياكى ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ ئارخىپىنى ئۆز ئارزۇسى بويىچە نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى كۆچمە خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىنىڭ ساقلىشىغا يەتكۈزۈپ بەرسە ياكى بەلگىلىمە بويىچە ئەسلىدىكى ئالىي مەكتەپتە ئىككى يىل ساقلاپ قالسا بولىدۇ.
ئارخىپنى يۆتكەپ چىقىرىشتا بەلگىلىمە بويىچە ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك، بۇ، ئاپپارات ئالاقىسى ياكى پوچتا ئالاھىدە تېز يەتكۈزۈش يوللىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.
دىققەت! شەخسلەرنىڭ ئارخىپنى ئۆزى ئېلىپ يۈرۈشى قاتتىق چەكلىنىدۇ!
ئەگەر ئارخىپنى ئۆزى قولىغا ئېلىۋالغان بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟
ئەسلىدە ئوقۇغان ئالىي مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئالىي مەكتەپ ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى قايتا تەكشۈرگەندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن يەتكۈزۈپ بېرىش تەكلىپى بېرىلىدۇ.
ئارخىپ باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىنى قەيەردىن تەكشۈرگىلى بولىدۇ؟
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كۆزنەك تور بېكىتىدە شۇ جاينىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىغا قاراشلىق كۆچمە خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر /https://chrm.mohrss.gov.cn كۆچمە خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتى ئۇچۇرى/گە چىقىپ، كۆچمە خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى سۈرۈشتۈرەلەيدۇ.