شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا قار ياغدى
شۇنىڭ بىلەن بىللە
يېڭى بىر قېتىملىق سوغۇق ھاۋا ئېقىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى
11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېلان قىلغان
قاتتىق بوراندىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى
قاتتىق قاردىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى
11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلان قىلغان
يوللارنى مۇز تۇتۇشتىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى
داۋاملىق كۈچكە ئىگە
مۆلچەرلىنىشىچە، 11-ئاينىڭ 8-كۈنى كۈندۈزدىن 9-كۈنى كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، شەرقىي شىنجاڭ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر يېغىپ كېيىن يامغۇر ئارىلاش قارغا ياكى قارغا ئۆزگىرىدىكەن (تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدىكەن)؛ بۇنىڭ ئىچىدە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى ۋە شىمالى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ جەنۇبى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن؛ ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى تاغلىق رايونلار، بورتالا ئوبلاستىنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى تاغلىق رايونلار، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تاغلىق رايونلار، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق قار ياغىدىكەن.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كۆپ قىسىم رايونلاردا 6 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا 10 بال ئەتراپىدا ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن، ئۆتكۈنچى بوران 11 بالدىن 12 بالغىچە بولىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 8 ~ 5 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن، شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالىدا 10 ~ 8 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن.
11-ئاينىڭ 8-كۈنى كۈندۈزى
ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ كېيىن قېلىن قارغا ئۆزگىرىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن
مىدۇڭ رايونىدا يامغۇر يېغىپ كېيىن يامغۇر ئارىلاش قارغا، ئاندىن قېلىن قارغا ئۆزگىرىدىكەن
تاغلىق رايوندا قېلىن قار يېغىپ، قىسمەن جايلاردا قاتتىق قار ياغىدىكەن
شەھەر رايونى، مىدۇڭ رايونىدا يىغىندى ھۆل-يېغىن مىقدارى 10 مىللىمېتىردىن 16 مىللىمېتىرغىچە
جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ۋە تاغلىق رايونلاردا 6 مىللىمېتىردىن 10 مىللىمېتىرغىچە
شەھەر رايونى، مىدۇڭ رايونىدا يېڭىدىن يىغىلغان قارنىڭ قېلىنلىقى ئۈچ سانتىمېتىردىن ئالتە سانتىمېتىرغىچە
جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ۋە تاغلىق رايونلاردا 7 سانتىمېتىردىن 11 سانتىمېتىرغىچە بولىدىكەن
ھۆل-يېغىن ئاساسلىقى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇنغا مەركەزلىشىدىكەن
ئۈرۈمچىنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات.
مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە
11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 1.6 سېلسىيە گىرادۇس
11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 2.7 سېلسىيە گىرادۇس بولىدىكەن
11-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 16لەر ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شۆليەنشەن يولى بويىدىكى كۈز يوپۇرماقلىرى يامغۇردا ھۆل بولۇپ كەتتى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دوۋ شىڭجۈن فوتوسى
11-ئاينىڭ 8-كۈنى كۈندۈزدىن 9-كۈنى كېچىگىچە
شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ياغقان يامغۇر قارغا ئۆزگىرىپ ۋە شامال ئېغىزىدا بوران چىقىپ
قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە مۇز تۇتۇپ، قارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى
يوللارنىڭ تېيىلغاق بولۇپ، كۆرۈش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ
قاتناشقا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدىكەن
ساياھەتكە، سەپەرگە چىققۇچىلار ئاپتوموبىلنى ئېھتىيات بىلەن ھەيدەپ
يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتنى ئالدىن ئىگىلىشى كېرەك
ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىندا شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن
سىرتقا چىققاندا ئىسسىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ
«شىنجاڭ ياخشى جاي»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى