شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كارخانىلىرى ۋە شىنجاڭ سەنئەت ئورنى ئارتىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن ساياھەت تونۇشتۇرۇش ئۆمىكى بېيجىڭدىن يولغا چىقىپ، مالايسىيا، سىنگاپورغا بېرىپ 2024 - يىللىق شىنجاڭنىڭ كۈز، قىش پەسىللىك ساياھەت بايلىقىنى مەملىكەت سىرتىدا تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى باشلىدى. ساياھەت بايلىقىنى تونۇشتۇرۇش، ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش ۋە شۇ جايدىكى ساياھەت سودىگەرلىرى بىلەن كېڭىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ قار - مۇز ساياھىتىنى تونۇشتۇرۇپ، ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا، شىنجاڭ بويىچە كۈتۈۋېلىنغان چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچى 4 مىليون 196 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.38 ئاشتى. مالايسىيا جۇڭگو شىنجاڭغا چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچىلەر مەنبەسى بويىچە ئاساسلىق دۆلەت. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مالايسىيا، سىنگاپور بىلەن بولغان كىلىمات پەرقى زور، كۈز، قىش پەسىللىك قار - مۇز ساياھىتى ئىككى دۆلەت ساياھەتچىلىرىگە نىسبەتەن ئىنتايىن جەلپ قىلىش كۈچىكە ئىگە.
بۇ قېتىمقى مەملىكەت سىرتىدا تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى سەككىز كۈن داۋاملىشىدۇ، مالايسىيا ۋە سىنگاپوردا ئىككى مەيداندىن پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ كۈز، قىش پەسىللىك ساياھەت بايلىقىنى مەملىكەت سىرتىدا تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە، شىنجاڭنىڭ ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كۆرگەزمىسى، فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ھەمدە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تارقىتىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت بايلىقى ھەم خاس مەدەنىيەت بايلىقى تونۇشتۇرۇلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ ساياھەت كوپىراتىپلىرى ۋە كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇلۇپ، ھەمكارلىق ئىشلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلەرنى ئۆزئارا ئەۋەتىشكە تۈرتكە بولۇنىدۇ.
بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى بىلەن بىرلىكتە، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كۇۋەيت، فىجى قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى، ساياھەت تونۇشتۇرۇش، ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى ئارقىلىق، جۇڭگو شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئىناق ياخشى قىياپىتىنى نامايان قىلدى.