تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنى ئاچتى

سىياسىي كېڭەشنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت تەتقىقات تېمىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 27 - قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا «شىنجاڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت تەتقىقات تېمىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى ھەم پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى. نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئاكتىپ كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي تۈردە سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ يىلدىن بۇيانقى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى رەتلەپ قايتا تىزىپ، كېلەر يىللىق نۇقتىلىق كېڭىشىش قارالمىلىرى، تۈرلۈك پىلان ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ قوزغىتىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تەجرىبە، ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، خىزمەتنىڭ ئومۇمىي سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي كېڭەش نەزەرىيە تەتقىقاتى دائىملىق خىزمەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نەزەرىيە تەتقىقاتىدىكى بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش نەزەرىيە تەتقىقات كۈچىنى ئورگان كادىرلىرىدىن بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش نەزەرىيە تەتقىقات خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار ئۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈستىگە ئالغان تېمىلارنى تاماملاپلا قالماي، يەنە ھەر ساھەدىكى ئەزالار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن ئىبارەت بۇ كۈچتىن ياخشى پايدىلىنىپ، تېمىنى ۋاسىتە قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، يۇقىرى ئەقىل بۆلۈنمىسى كوللېكتىپىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپرەك نەتىجە يارىتىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جارۇللا ھېسامىدىن، ياڭ يۇڭ، ئېزىز مۇسا، ليۇ خۇيجۈن، پۇ شۆمېي، شۈ شيەنيى، ھەسەنجان ئەخمەت، باتۇ، باش كاتىپ گاۋ جياڭخۇەي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.