تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاراتۆرۈكتە جىغان پىشتى، چۈچۈمەل مېۋە تۇرمۇشنى شېرىن قىلدى

يېقىندا، ئاراتۆرۈك ناھىيەسىنىڭ تۇزكۆل بازىرىغا جايلاشقان شىنجاڭ خۇاچۇاڭ دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق ئېكولوگىيە پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ جىغان ئۆستۈرۈش بازىسىدا، خىزمەتچىلەر جىغان ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاراتۆرۈك ناھىيەسى «كارخانا+بازا+دېھقان ئائىلىسى» تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كەسىپ تەرەققىياتى ئارقىلىق ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، تۇزكۆل بازىرىنىڭ جىغان ئۆستۈرۈش كۆلىمى 24 مىڭ موغا يەتتى. (ئىختىيارىي مۇخبىر ھوشۇر)

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاراتۆرۈك ناھىيەسى جىغان پىششىقلاش كارخانىلىرىنى ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا پائال ئىلھاملاندۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتتى. سۈرەتتە: كارخانا خىزمەتچىلىرى جىغان مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارماقتا.

تۇتاش كەتكەن جىغانلىقلار بىر پارچە  گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى شەكىللەندۈردى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.