ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق قار-مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.
«پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قار-مۇز ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. ھازىر بار بولغان ئالىي مەكتەپلەرگە تايىنىپ قار-مۇز تەنھەرىكىتى شۆيۈەنى تەسىس قىلىنىدۇ. شارائىتى بار ئالىي مەكتەپلەر، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتى، قار-مۇز ئىقتىسادى قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرنى تەسىس قىلىپ، كەسىپ بىلەن مائارىپ بىرلەشتۈرۈلگەن ئەمەلىي مەشىق بازىسى بەرپا قىلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. قار-مۇز كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە ئوقۇش تارىخى بويىچە تەربىيەلەش كۈچەيتىلىپ، قار-مۇزغا ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە دۆلەت كەسپىي سالاھىيەت مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇنىدۇ. كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قار-مۇز تەنھەرىكىتى تۈرلىرىدە سەپتىن چېكىنگەن تەنھەرىكەتچىلەر قار-مۇز تەنھەرىكىتى بويىچە تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلىنىدۇ ۋە مەدەت بېرىلىدۇ. قار-مۇز تۈرى بويىچە خەلقئارالىق تېرېنېرلار، ئىگىلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنى كىرگۈزۈشنى قوللاپ، چېگرادىن كىرىش ۋىزىسى رەسمىيىتىنى بېجىرىش ئاددىيلاشتۇرۇلىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى