مەنبە: جۇڭگودا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش

ئالدى بىلەن كۆپچىلىكتىن بىر سوئال سوراي: سىزنىڭچە يۈگۈرۈش تىزنى زەخىملەندۈرەمدۇ؟
بەلكىم نۇرغۇن كىشى ئىختىيارسىز ھالدا بېشىنى لىڭشىتىشى مۇمكىن، ئۇلار يۈگۈرۈش تىزنى زەخىملەندۈرىدۇ، ھەتتا بوغۇم مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارايدۇ.
لېكىن ئەمەلىي ئەھۋال شۇنداقمۇ؟
بارغانسېرى كۆپ تەتقىقاتلار شۇنى ئېنىق بىلدۈردىكى، يۈگۈرۈشنىڭ تىزغا بولغان سەلبىي تەسىرى مۇبالىغە قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇزاق ئولتۇرۇش تىز ساغلاملىقىنىڭ «يوشۇرۇن قاتىلى» ھېسابلىنىدۇ.
تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە:
ئۇزاق ئولتۇرۇش بەلكىم تىزنى يۈگۈرۈشتىنمۇ بەكرەك زەخىملەندۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن
نوپۇزلۇق تېببىي پەنلەر ژۇرنىلى «سۆڭەك كېسەللىكلىرى ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق فىزىكىلىق داۋالاش ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ئىلمىي ماقالىدە، پەن تەتقىقات خادىملىرى 25 تۈرلۈك تەتقىقات ئىچىدىن 17 تۈرلۈك تەتقىقاتنى تاللاپ چىقىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 114 مىڭ 829 ئادەمنى يىغىپ تەھلىل قىلغان، نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە:

ئۇزاق ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلمايدىغان كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا يۈگۈرەيدىغانلارنىڭ تىز بوغۇم ياللۇغى ۋە يانپاش بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ كىچىك بولىدىكەن. لېكىن، كەسپىي يۈگۈرۈش ماھىرلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دائىم يۇقىرى سىجىللىقتا يۈگۈرۈش مەشىقى ئېلىپ بارسا (ھەر ھەپتىدە 92 كىلومېتىردىن ئارتۇق يۈگۈرسە)، سۆڭەك بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى ھەقىقەتەن تېخىمۇ چوڭ بولىدىكەن.

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇزاق ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلمىغانلارنىڭ سۆڭەك بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئىشتىن سىرتقى يۈگۈرگۈچىلەرنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
نېمە ئۈچۈن ئۇزاق ئولتۇرۇش
تىزنىڭ «كاردىن چىقىشى»نى تېزلىتىۋېتىدۇ؟
بەدىنىمىزدىكى ئەزالارنىڭ ھەممىسى «ئىشلەتسە تەرەققىي قىلىش، ئىشلەتمىسە كاردىن چىقىش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، بىر ئەزا ئۇزاق مۇددەت ئىشلىتىلمىسە، تەدرىجىي چېكىنىدۇ، ھەتتا نورمال ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ.
بىرىنچىدىن، ئۇزاق ئولتۇرۇش ئالدى بىلەن تىزنى «قۇرۇتۇۋېتىدۇ».
سىلىقلاشتۇرۇش سۇيۇقلۇقى بوغۇملاردىكى «تەبىئىي سىلىقلىغۇچ» بولۇپ، بوغۇملار ھەرىكەتلەنگەندە كۆمۈرچەك سىلىقلىشىپ، سۈركىلىش ئازىيىدۇ.

لېكىن، ئۇزاق ئولتۇرغاندا بوغۇم ۋە ئەتراپتىكى مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكىتى ئازلاپ، سىلىقلاش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى يېتەرلىك بولماسلىقنى پەيدا قىلىپ، كۆمۈرچەكلەر ئارىسىدىكى سۈركىلىش كۈچىيىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى چېكىنىش كېلىپ چىقىپ، بوغۇم ياللۇغى قاتارلىق خەتەرلەر ئېشىپ كېتىدۇ.

ئىككىنچىدىن، ئۇزاق ئولتۇرغاندا مۇسكۇللارنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ، تىرەش كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
تىزنىڭ ساغلاملىقى ئەمەلىيەتتە يوتا ۋە پاقالچاق ئەتراپىدىكى مۇسكۇللارنىڭ تىرەش رولىدىن ئايرىلالمايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يوتىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى يوتا تۆت باشلىق مۇسكۇلى ۋە ئارقا تەرىپىدىكى ئارغامچا مۇسكۇلى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇزاق مۇددەت مىدىرلىماي ئولتۇرغاندا، مۇسكۇللار چېنىقماي ماغدۇرسىزلىنىدۇ. مۇسكۇل قانچە كۈچسىز بولسا، بوغۇملارنىڭ يۈكى شۇنچە ئېغىر بولىدۇ، مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، تىز ئاغرىش ۋە چېكىنىش خاراكتېرلىك زەخىملىنىش خەۋپى تەبىئىي ھالدا ئېشىپ كېتىدۇ.

ئۈچىنچىدىن، ئۇزاق ئولتۇرغاندا بوغۇملار قېتىپ قېلىپ، قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
ئۇزۇن سەپەرگە چىققان ئادەم چوقۇم ئورنىدىن تۇرغاندا تىزىنىڭ قېتىشىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ باققان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇزاق ئولتۇرۇش تىز بوغۇمىنىڭ قان ئايلىنىشىنى چەكلەپ قويىدۇ، ئوكسىگېن كەمچىل بولسا مۇسكۇللار قېتىپ بىئارام بولىدۇ، ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرغاندا تىزنىڭ چېكىنىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ.
