ئانار بۇلۇت قانۇن ياردىمى بېرىش ئۆمىكى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىنىڭ كەڭ ئابۇنىچىلارغا قانۇندىن ئاممىۋى مەنپەئەت مۇلازىمىتى قىلىش بازىسى، ئەگەر قانۇن جەھەتتە قىيىن مەسىلىگە يولۇقسىڭىز، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى ئېچىپ، «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» بويىچە سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىگە كىرىپ، «ياردەم تەلەپ قىلىش» بۆلىكىدە ئىلتىماس-تەلىپىڭىزنى يازسىڭىز بولىدۇ، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن سىزگە قانۇندىن ئاممىۋى مەنپەئەت مۇلازىمىتى قىلىمىز.
خىزمەت ۋاقتىدا ئاغرىپ يېتىپ قالسا، ئىشتا يارىلانغانلىق ھېسابلىنامدۇ؟
ئالتاي شەھىرى ئاھالىسى ما خانىم: ئېرىم بىر شىركەتتە ئىشلەيدۇ، ئالدىنقى مەزگىلدە خىزمەت جەريانىدا ئۇنىڭ تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ، ئىدارىدىكى خىزمەتداشلىرى ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇپ داۋالاتقان، دوختۇرخانا سول تەرەپ چوڭ مېڭە ئارقا ئارتېرىيە ئۆسمىسى، كاۋاك خاراكتېرلىك مېڭە تىقىلمىسى، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى 3-دەرىجىلىك (خەۋپى ئىنتايىن يۇقىرى) دەپ دىياگنوز قويغان. يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەن بولسا، ئىشتا يارىلىنىش دەپ بېكىتىشكە بولامدۇ؟
ئانار بۇلۇت قانۇن ياردىمى بېرىش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ جىڭرەن ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى ۋاڭ جىيۈەن: ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش ئىشتا يارىلىنىش دەپ بېكىتىش ۋە ئىشتا يارىلىنىش دەپ قاراشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئەھۋالغا بۆلۈنىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ «ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى»نىڭ 14-ماددىسىنىڭ (1) تارماقچىسىدا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىش ۋاقتى ۋە ئىش ئورنىدا خىزمەت سەۋەبىدىن ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغان بولسا، ئىشتا يارىلىنىش دەپ بېكىتىش كېرەك. دەپ بەلگىلەنگەن. 15-ماددىسىنىڭ (1) تارماقچىسىدا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىش ۋاقتى ۋە ئىش ئورنىدا تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلۈپ كەتسە ياكى 48 سائەت ئىچىدە قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتسە، ئىشتا يارىلىنىش دەپ قارىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئېرىڭىزنىڭ خىزمەت جەريانىدا تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ قېلىشى ئىشتا يارىلانغانلىق ھېسابلانمايدۇ، شۇڭا ئىشتا يارىلاندى دەپ بېكىتىشكە بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، گەرچە ئىش ئورنىدا ئېرىڭىزنىڭ تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئىشتا يارىلىنىش دەپ قارىلىدىغان قانۇندا بەلگىلەنگەن سەۋەبكىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش جەھەتتە، «ئاغرىپ قېلىش»بىلەن «يارىلىنىش»نىڭ قانۇن دائىرىسىنى قاتتىق پەرقلەندۈرۈش كېرەك. «يارىلىنىش» ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشتىكى ئالدىنقى شەرت ۋە ئاساس، ھالبۇكى «ئاغرىپ قېلىش» ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن سەۋەبى ئەمەس. «ئاغرىپ قېلىش» ئىشتا يارىلىنىشتىكى ئالدىنقى شەرت ۋە ئاساس دەپ قارىلىدۇ، لېكىن «ئاغرىپ قېلىش» مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن سەۋەبكە ئۇيغۇن كەلگەندىلا، ئاندىن ئىشتا يارىلىنىشنى شەكىللەندۈرىدۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سەۋەب كەمچىل بولسا، ئىشتا يارىلىنىش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن رەتلىگەن)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى