ئايرىش، يۇيۇشتىن بوياش، تاراش، ئىگىرىشكىچە، ئەسلىدىكى خالتا-خالتا قوي يۇڭلىرى ئىنچىكە ئىش تەرتىپى ئارقىلىق ئاپئاق تىۋىتقا ئايلىنىدۇ، كېيىن يەنە رەڭگارەڭ تىۋىت يىپلارغا ئايلىنىدۇ. مۇخبىر يۇڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتى سېخىغا كىرگەندە، ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى، رەتلىك تىزىلغان يۇڭ توقۇمىچىلىق ماشىنىلىرى «رەقەملەشتۈرۈش-ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش»نىڭ كونتروللۇقىدا تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى.
ئىگىلىنىشىچە، «بىر تىۋىت»تىن «بىر پوپايكا»غىچە، شىنجاڭ تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭدا يىلتىز تارتقان 44 يىلدىن بۇيان، يۇڭ توقۇمىچىلىق كەسپىدىكى بىردىنبىر تىۋىت خام ئەشياسىنى سېتىۋېلىش، مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدىكى زامانىۋىلاشقان پاي تۈزۈمىدىكى كارخانىغا ئايلاندى، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تىۋىت توقۇمىچىلىق كەسپىدىكى ئون چوڭ كارخانىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
مۇخبىرلار: جاۋ چاڭفۇ، لى خۇڭيەن
نازارەت قىلغۇچى: شۆ جىڭ، چېن فېڭ
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى