تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يېڭى پايدا! ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئالىدىغان چوڭ ياشتىكىلەرگە مۇناسىۋەتلىك

    يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى بىرلىشىپ «ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئالىدىغان چوڭ ياشتىكىلەرنىڭ كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئالىدىغان چوڭ ياشتىكىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىپ، ھەقىقىي ھالدا ئىشسىزلىق كاپالىتى تۆۋەن چېكىنى تولۇق مۇستەھكەملىدى.

    «ئۇقتۇرۇش»تا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىنى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئالىدىغان چوڭ ياشتىكىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈتۈش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرۇشىغا ئىشلىتىش سىياسىتى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، سىياسەت ئوبيېكتى، تۆلەم ئۆلچىمى، بېجىرىش ئەندىزىسى قاتارلىقلارغا كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

    بىرىنچى، خادىملارنىڭ دائىرىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئالىدىغان ھەم قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا يېتىشكە بىر يىل قالمىغان ئىشسىزلار(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ سۇغۇرتا پۇلى ئالىدىغان چوڭ ياشتىكىلەر دېيىلىدۇ)، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى داۋاملىق تارقىتىلىدىغان خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا كاپالەت دائىرىسىگە تولۇق كىرگۈزۈلدى.

    ئىككىنچى، تۆلەم ئۆلچىمى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. سۇغۇرتا پۇلى ئالىدىغان چوڭ ياشتىكىلەر ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئالىدىغان جايدا شەخسىي سالاھىيەت بىلەن كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا ھەم سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرسا بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە شۇ جايدىكى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى بويىچە ھىسابلانغان قىسمى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن تۆلىنىدۇ.

   ئۈچىنچى، بېجىرىش ئەندىزىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. «ئاۋال تاپشۇرۇپ كېيىن تولۇقلاش» ئەندىزىسى بويىچە سىياسەت ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، سۇغۇرتا پۇلى ئالىدىغان چوڭ ياشتىكىلەر كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ئۆز ئالدىغا قاتناشقان ھەم ھەق تاپشۇرغاندىن كېيىن، بېجىرىش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندى ئۈستىگە ئالىدىغان خىراجەتنى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بېجىرىش ئاپپاراتلىرىدىن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۇغۇرتا پۇلى ئالىدىغان چوڭ ياشتىكىلەرگە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇقتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

     سىياسەت 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، 2039-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

     «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: جايلاردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، مالىيە، باج تارماقلىرى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تەدبىرلەنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش تەرتىپى ھەم بېجىرىش باسقۇچىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىنى تېزلىتىشى كېرەك.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.