تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

جىڭدا 318 پارنىكتىكى يېڭى كۆكتاتلار ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىندى

   ئالتۇن كۈز پەسلىدە، جىڭ ناھىيەسىنىڭ ماندان يېزىسىدىكى 318 كۆكتات پارنىكى مول ھوسۇل مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. ئىنچىكە چىڭسەي، لازا، شوخلا قاتارلىق تۈرلۈك كۆكتاتلار ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ، يېڭى كۆكتاتلار بازارغا سېلىندى. يېقىندا، ماندان يېزىسى دۇڭجۇاڭ كەنتىدىكى كۆكتات پارنىكىدا، قىپقىزىل شوخلىلار پىلەكلەردە ساڭگىلاپ تۇراتتى. دېھقانلار پارنىكلاردا ئالدىراش يۈرۈپ، پىشقان شوخلىلارنى ئۈزۈپ، چېھرىدە مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلەندى.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ما خەيلىڭ

ئىنچىكە چىڭسەي قويۇق ئۆسكەن بولۇپ، دېھقانلار پىشقان ئىنچىكە چىڭسەينى يىغىش بىلەن ئالدىراش  بولۇپ كەتتى.

دېھقانلار ئىنچىكە چىڭسەينى ئورۇپ، باغلاپ، جىڭلاپ، ئەتراپتىكى بازارلارغا ئاپىرىپ سېتىشقا تەييارلانماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.