سانجى ئوبلاستى، شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق تۈرى بولغان
S231 لىنىيەسى ۋۇجياچۈ - سانجى تاشيولىنى ئۆزگەرتىش-كېڭەيتىش تۈرى
ئاخىرلىشاي دەپ قالدى
ئاي ئاخىرىدا قاتناش باشلاش پىلانلاندى
نۆۋەتتە، S231 لىنىيەسى ۋۇجياچۈ - سانجى تاشيولىنى ئۆزگەرتىش-كېڭەيتىش تۈرىدە جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇرۇلۇش مۇددىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلماقتا. بۇ تۈردە بۇ يىل 3-ئايدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر يول ئۇلىنى تىندۇرۇش مەشغۇلاتىنىڭ %93ى تاماملاندى، يول يۈزىدىكى سۇنى تۇراقلاشتۇرۇش ئاساسىي قەۋىتىنى يېيىتىش مەشغۇلاتىنىڭ %46ى تاماملاندى، ئاسفالت يېيىتىش مەشغۇلاتىنىڭ %14ى تاماملاندى، 500 غول ئۆستەڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئاستىنقى قىسم قۇرۇلمىسى تولۇق تاماملاندى، ئۈستۈنكى قىسم قۇرۇلمىسىنىڭ %94ى تاماملاندى.
S231 لىنىيەسى ۋۇجياچۈ - سانجى تاشيولىنى ئۆزگەرتىش-كېڭەيتىش تۈرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ليۇگۇڭ بازىرىنىڭ شالياڭزى كەنتى بىلەن S102 لىنىيەسىنىڭ كېسىشىش ئېغىزىدا، ئاخىرقى نۇقتىسى ئەسلىدىكى S231 لىنىيەسى بىلەن ئېلېكتىر ئىستانسىسى يولىنىڭ كېسىشىش ئېغىزىدا بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 11 كىلومېتىر كېلىدۇ، 336 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش مۆلچەرلەندى، پۈتۈن لىنىيە 1-دەرىجىلىك تاشيول لايىھەلەش ئۆلچىمى بويىچە ياسىلىۋاتقان بولۇپ، قوش يۆنىلىشلىك ئالتە ئاپتوموبىل يولى بار، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 80 كىلومېتىر.
ئەسلىدىكى S231 لىنىيەسى 1999-يىلى ياسالغان بولۇپ، ھازىرغىچە قاتناش باشلانغىنىغا 20 نەچچە يىل بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاتناش مىقدارىنىڭ يىلدىن-يىلغا ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئەسلىدىكى يول ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرالماي قالدى، بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولىدۇ.
«بۇ يول بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ يول، بۇ يول پۈتكەندىن كېيىن، مۇساپە ئەسلىدىكى 40 مىنۇتتىن 20 مىنۇتقا قىسقىرايدۇ، بۇ يول بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ» دېدى S231 لىنىيەسى ۋۇجياچۈ - سانجى تاشيولىنى ئۆزگەرتىش-كېڭەيتىش تۈرىنىڭ قوماندانى لى خۇڭلېي.