تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بۇ ھاياتىڭىزدا قەشقەرگە چوقۇم بىر قېتىم بېرىڭ!

  «قەشقەرگە بارمىسىڭىز، شىنجاڭغا كەلگەن ھېسابلانمايسىز»

  «ھەرقانداق ۋاقىتتا، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئاۋاتلىقىنى كۆرىسىز»

  «مەن قەشقەرنىڭ بىپايان تۇپرىقىغا تەلپۈنىمەن، قەشقەرنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن»

  ...

  قەشقەرگە كەلگەن كىشىلەر دائىم ئىختىيارسىز ھالدا: «بۇ يەردە ھېس قىلغانلىرىمىز ھەقىقەتەن كۆپ بولدى!» دېيىشىدۇ.

  قەشقەر، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي چېگراسىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت... بۇ يەرنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى شۇ قەدەر گۈزەل بولۇپ، نۇرغۇن داڭلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار، بۇ يەردە گۈزەل مەنزىرە، مەززىلىك تائام، تارىخىي مەدەنىيەتنىڭ ھەممىسىنى ھېس قىلالايسىز.

  بۇ يەر قۇياشقا ئىنتايىن يېقىن، قەدىمىي ھەم ھاياتىي كۈچكە تولغان، نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ھەم گۈزەللىككە تويۇنغان، مەيلى ئىمارەتلەرنىڭ رەڭگى بولسۇن ۋە ياكى بۇ يەردىكى قايناق تۇرمۇش بولسۇن، ھەممىسى قۇياش نۇرىدا شۇ قەدەر چاقناپ تۇرىدىغان بولۇپ، سانسىزلىغان يىپەك يولى ئەسلىمىلىرىنى ئويغىتىدۇ.

  بۇ ھاياتىڭىزدا قەشقەرگە چوقۇم بىر قېتىم بېرىڭ! ئۇ سىزدە چوقۇم ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىدۇ.

    11-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت يۈرۈشلۈك قىسقا سىن فىلىمى «شىنجاڭ ياخشى جاي» پۈتۈن تاراتقۇ سۇپىسىدا كۆرسىتىلدى، بۈگۈن كۆپچىلىككە «ئۇچرىشىش . شىنجاڭ» ناملىق يۈرۈشلۈك چاتما فىلىمنىڭ 4- قىسمى  «قەشقەر»نى ئېلىپ كەلدۇق.

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.