مەنبە: شىنخۇا تورى
ياخشى ئۆسۈۋاتقان قەھۋە مېۋىسى (11-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا تورى تارقاتقان (سىماۋ رايونلۇق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت)
ھازىر، دەل قەھۋە دەرىخى مېۋىلەيدىغان ياخشى مەزگىل. يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ پۇئېر شەھىرى سىماۋ رايونى بەيشاپو كەنتىگە كىرگىنىمىزدە، ھەممە يەر ياپيېشىل كۆرۈنەتتى، تاغ ئورمانلىقى ئارىسىدىكى قەھۋە دەرەخلىرى دانلىق مېۋىلەر بىلەن تولغان، بەزى مېۋىلەر سۇس قىزىرىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى.
ئەتىگەندىلا، قەھۋەچى دېھقان ياڭ مىڭ ئۆزىنىڭ قەھۋەزارلىقىغا كېلىپ، قەھۋە دەرىخىنى پەرۋىش قىلدى. «ئائىلىمىز 80 نەچچە مو يەرگە قەھۋە تېرىدۇق، بۇلتۇر ھەر مو يەرنىڭ ھوسۇلى 800 كىلوگىرام ئەتراپىغا يەتتى. بۇ يىل يامغۇر يېتەرلىك بولدى، قەھۋە دەرىخىنىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى ياخشى بولدى، مېۋىلەش ئەھۋالىمۇ ناھايىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولدى، چوقۇم مول ھوسۇل ئالالايمىز» دېدى ياڭ مىڭ.
ئىگىلىنىشىچە، سىماۋ رايونىنىڭ قەھۋە ئۆستۈرۈش كۆلىمى 231 مىڭ 500 موغا يەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە 66 مىڭ 700 مولۇق يېشىل ئورگانىك مەھسۇلات ئېتىراپنامىسىغا ئېرىشكەن بازىغا ئىگە ئىكەن. 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن رايوننىڭ 2024-يىللىق قەھۋە خام پۇرچىقىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 24 مىڭ 500 توننىغا، ئۇنىۋېرسال مەھسۇلات قىممىتى 4 مىليارد 16 مىليون يۈەنگە يەتكەن. (تۈگىدى)
(جاڭ چىپىڭ، نيۇ چۈەنلىن، لو جيا)
بەيشاپو «مېيلىشىڭ كەنتى . يوۋفېڭكاگۇ» (11-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا تورى تارقاتقان (سىماۋ رايونلۇق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت)
پىشىش ئالدىدا تۇرغان قەھۋە مېۋىسى (10-ئاينىڭ 26-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا تورى تارقاتقان (سىماۋ رايونلۇق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت)
تاغ ئورمىنى ئارىسىدىكى قەھۋەخانا (10-ئاينىڭ 26-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا تورى تارقاتقان (سىماۋ رايونلۇق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت)