10-ئاينىڭ 24-كۈنى، چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا بازىرى جىننەن يېڭى كەنتىدىكى پارنىكتا، توپ-توپ چىرايلىق يېمەكلىك جۇخارگۈللىرى بەس-بەستە ئېچىلىپ، خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالغانىدى. بۇ جۇخارگۈللىرىنىڭ رەڭگى ھەرخىل بولۇپ، ناھايىتى يۇقىرى تاماشا قىلىش قىممىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى تاماق ئۈستىلىدىكى مەززىلىك يېمەكلىك ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىرا بازىرى دېھقانلارنى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە پائال يېتەكلەپ، يېمەكلىك جۇخارگۈلى ئۆستۈرۈش تۈرىنى كىرگۈزۈپ، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، سېتىش سۇپىسى قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، دېھقانلارنى دادىل سىناق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن يېمەكلىك جۇخارگۈلى ئۆستۈرۈشتە دەسلەپكى ئۈنۈم كۆرۈلدى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى لىفۇ، جاۋ يەنبىن)
دېھقانلار يېمەكلىك جۇخارگۈلىنى پەرۋىش قىلماقتا.
دېھقانلار يېمەكلىك جۇخارگۈلىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. يېمەكلىك جۇخارگۈلىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، بازار ئېھتىياجى زور، سېتىلىش باھاسىمۇ ناھايىتى ياخشى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى