تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

گۇاڭدۇڭ بىلەن شىنجاڭ «قول تۇتۇشۇپ» ئىككى جاينىڭ خاس يېمەكلىكلىرىنى ئورتاق تونۇشتۇردى

   شىنخۇي جۈزە پوستى، تەيشەن سۇ مەھسۇلاتلىرى، كەيپىڭ ماگاڭ غېزى... بۇنىڭدىن كېيىن گۇاڭدۇڭ جياڭمېننىڭ بۇ يېمەكلىكلىرىنى ئۈرۈمچىدىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ.

   «شىنجاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى جەنۇبقا يۈزلەندۈرۈش، گۇاڭدۇڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى شىمالغا يۈزلەندۈرۈش» گۇاڭدۇڭ (جياڭمېن)نىڭ يېمەكلىكلىرىنى شىنجاڭغا كىرگۈزۈش مەخسۇس مەيدان پائالىيىتى 11- ئاينىڭ 1- كۈنى ئۈرۈمچىدە باشلاندى.

   شۇ كۈنى ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) خەيخۇڭ خەلقئارا يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروتى پورتىدا گۇاڭدۇڭ جياڭمېندىن كۆرگەزمىگە قاتناشقىلى كەلگەن سودىگەرلەر ئېلىپ كەلگەن خاس يېمەكلىكلەر ئۈرۈمچىدىكى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنى تېتىپ بېقىشقا جەلپ قىلدى.

   مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلۇپ تونۇشتۇرۇلغان چياۋمىن يۇرتى ياخشى مەھسۇلاتلىرى تەخمىنەن 300 خىل بولۇپ، تەخمىنەن 150 نەپەر شىنجاڭلىق سېتىۋېلىش سودىگىرى نەق مەيدانغا بېرىپ مەھسۇلات تاللىغان.

   پائالىيەتتە شىنجاڭ بىلەن گۇاڭدۇڭدىكى نۇرغۇن كارخانا رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ، سېتىۋېلىش ۋە ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلغان.

   شىنجاڭ خەيخۇڭ ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى ۋە جياڭمېن شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى رامكا كېلىشىمى ئىمزالىغان.

   شىنجاڭ دۇڭباۋ ئوقەتچىلىك گۇرۇھىنىڭ لىدىر ياردەمچىسى سۈن پېڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت شىنجاڭ، گۇاڭدۇڭدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ يېمەكلىك سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىككى جاينىڭ يېمەكلىك كەسپى، ساھەلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كۆۋرۈك بەرپا قىلدى. بۇ پائالىيەت ئارقىلىق شىنجاڭ، گۇاڭدۇڭدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ يېمەكلىك كەسپىدىكى چوڭقۇر ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ چوڭ بازارنى ئورتاق ئېچىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «شىنجاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى جەنۇبقا يۈزلەندۈرۈش، گۇاڭدۇڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى شىمالغا يۈزلەندۈرۈش» سۇپىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، «شىنجاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرى» چوڭ قولتۇق رايونىدا سىجىل بازار تاپتى، «گۇاڭدۇڭنىڭ مەھسۇلاتلىرى» چوڭ غەربىي شىمالدا ئۈزلۈكسىز ئالقىشقا ئېرىشتى، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى بىلەن شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئىچكى ئايلىنىشى يەنىمۇ راۋانلىشىپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، ئىستېمال ئارقىلىق يار- يۆلەك بولۇش، سودا ئالاقىسى قاتارلىقلارغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

   ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى- يېزا نازارىتىنىڭ 1- دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى ۋۇ خۇڭبىن مۇنداق دېدى: پائالىيەت ئارقىلىق گۇاڭدۇڭ جياڭمېننىڭ يېمەكلىك پىششىقلاش، داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى، بازار ماركېتىڭى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىلغار تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆگىنىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ گۇاڭدۇڭغا كىرىشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا- كەنتلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىمىز.

(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى تاڭ خۇڭمېي، گو لىڭ خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.