تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق ئىستېمال كاپالىتى كومىتېتى «قوش 11»لىق ئىستېمال ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى

    «قوش 11» يېتىپ كېلىش ئالدىدا ھەرقايسى چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنىڭ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن باشلاندى، قىزىل بولاق يامغۇرى، بەلگىلەنگەن سوممىغا يەتسە باھادا ئېتىبار بېرىش، باھانى چۈشۈرۈش، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى، ئىستېمال بېلىتى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە ئېتىبار بېرىش قاتارلىق ھەر خىل شەكىلدىكى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش شەكىللىرى ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق ئىستېمال كاپالىتى كومىتېتى بەش تۈرلۈك ئەسكەرتىشنى ئېلان قىلىپ، كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي، ئاقىلانە مال سېتىۋېلىپ، ئىستېمال خەۋپ - خەتىرىدىن ساقلىنىشىنى ئەسكەرتتى.

   بىرىنچىدىن، قائىدىنى چۈشىنىش، سەگەك بولۇش كېرەك. زاكاز چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن ھەرقايسى سۇپا ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ ئالدىن سېتىش ۋە سېتىشنى تېزلىتىش بەلگىلىمىسىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، زاكالەت ۋە قالدۇق پۇلنى تۆلەش ۋاقتى، قايتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش شەرتى ۋە ئېتىبار بېرىش بېلىتىنى ئىشلىتىش شەرتى، باھانى چۈشۈرۈش دائىرىسى ۋە مۇددىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى تەپسىلىي چۈشىنىش، بولۇپمۇ ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا «زاكالەت»نى قايتۇرماسلىققا دىققەت قىلىش كېرەك. مەقسەت ئېنىق ئىپادىلەنمىگەنلىرىگە قارىتا ۋاقتىدا خېرىدارلار مۇلازىمىتىدىن مەسلىھەت سوراپ، قائىدىنى ئېنىق بىلمەسلىك سەۋەبىدىن ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

   ئىككىنچىدىن، ماللارنى كۆپرەك سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش، «قارىغۇلارچە» سېتىۋالماسلىق كېرەك. تىجارەتچىلەرنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى، ئالاقىدار سالاھىيىتى، ئىناۋەت دەرىجىسى، زىيارەت قىلىنىش مىقدارى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئالدىن ئىگىلەپ، سالاھىيىتى تولۇق، ئىناۋىتى يۇقىرى، نامى ياخشى تىجارەتچىلەرنى تاللاپ تاۋار سېتىۋېلىش كېرەك. زاكاز چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن تاۋار سۇبيېكتى ئۇچۇرى، سۈپەت قۇرۇلمىسى، ئىقتىدار ئۈنۈمى، باھا سۈپەت كاپالىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئېنىق ئىگىلەپ، مۇتلەق سۆزلەر ئىشلىتىلگەن ئېلان تەشۋىقاتىغا ئىشەنمەسلىك، ئازغىنە پايدىنى كۆزلەپ باھاسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەن تاۋارلارنى سېتىۋالماسلىق، تاللىغان مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ لاياقەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

   ئۈچىنچىدىن، ئېھتىياج بويىچە سېتىۋېلىش، «ھاياجانلىنىپ مال سېتىۋالماسلىق» كېرەك. ئەمەلىي ئىستېمالغا بىرلەشتۈرۈپ، مال سېتىۋېلىش تىزىملىكىنى ئالدىن تۈزۈپ چىقىش، ئېتىبار قوغلىشىپ زۆرۈر بولمىغان تاۋارلارنى سېتىۋالماسلىق، شۇنداقلا تىجارەتچىلەرنىڭ «تۆۋەن باھالىق ئالقىشلىق مەھسۇلات»، «بىرنى سېتىۋالسا كۆپنى سوۋغا قىلىش» قاتارلىق تەشۋىقاتىدىن قايمۇقۇپ، ھاياجانلىنىپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. بولۇپمۇ گىرىم بۇيۇملىرى، ئاشلىق، ياغ، تېتىتقۇ قاتارلىق چەكلىك مۇددەتلىك تاۋارلاردا كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىپ، مالنى بېسىپ قويۇشتىن ئېھتىيات قىلىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىستېمال ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ مال - مۈلكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ۋە جەمئىيەت بايلىقىنىڭ ئىسراپ بولۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

   تۆتىنچىدىن، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش، «ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىك» كېرەك. «قوش 11» مەزگىلى تۈرلۈك تېلېگراف ئالدامچىلىقى كۆپ يۈزبېرىدىغان مەزگىل بولۇپ، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇچۇرلىرى ۋە ۋاسىتىلىرىنىڭ كۆپلۈكى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. ئىستېمال جەريانىدا مال سېتىۋېلىش سۇپىسىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن پەرقلەندۈرۈپ، تور بېتى، ئېنىق بولمىغان ئۇلىنىش ۋە قاڭقىما كۆزنەكنى خالىغانچە چېكىپ سودا قىلماسلىق، ھەرگىز شەخسىي ئالاقە قىلىپ پۇل ئەۋەتمەسلىك، ھېسابات يۆتكىمەسلىك، ساختا خېرىدارلار مۇلازىمىتى، ئالدىن سېتىش ئالدامچىلىقى، مۇكاپات چىقىش ئالدامچىلىقى، تېز يەتكۈزۈش ئالدامچىلىقى ۋە مال قايتۇرۇش ئالدامچىلىقى قاتارلىق دائىم كۆرۈلىدىغان قىلتاقلارغا قارىتا ھوشيارلىقنى ساقلاپ، بىخەتەر مال سېتىۋېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

   بەشىنچىدىن، ھوقۇقنى ۋاقتىدا قوغداش، «ئارقىغا سۆرىمەسلىك» كېرەك. سودا جەريانىدا «ئىسپاتنى ساقلاش ئېڭى» بولۇش، پاراڭلىشىش خاتىرىسى، تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرۇش كەسمە سۈرىتى، ئىستېمال ئىسپاتى قاتارلىق ھوقۇقنى قوغداش ئاساسلىرىنى ئىمكانقەدەر ياخشى ساقلاش، مال كەلگەندىن كېيىن ۋاقتىدا مالنى تەكشۈرۈپ، خاتالىق يوقلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئىمزا قويۇپ ئېلىش كېرەك. ئىستېمال ماجىراسىغا يولۇققاندا ۋاقتىدا تىجارەتچىلەر بىلەن كېڭىشىپ ھەل قىلىش، ئەگەر كېلىشەلمىسە سۇپا ياكى سۇپا تۇرۇشلۇق جاي، ساتقۇچى ئەمەلىي تىجارەت قىلىدىغان جايدىكى بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارمىقى، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش ئورنىغا ئەرز قىلىش كېرەك.

(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ شۈەن خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.