□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى خېي خۇڭۋېي، لۇ فېڭباۋ
رەتلىك قاتار - قاتار پارنىكلاردىكى سىلىندىر شەكىللىك زەمبۇرۇغ كالتىكىدىن چىقىپ تۇرغان كۈلرەڭ قوڭۇر موگۇلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى. ئىشچىلار موگۇ ئۈزۈش، ئوراش بىلەن ئالدىراش ئىدى... 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى باش تېما زىيارەت ئۆمىكى توقسۇن ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىدىكى شىنجاڭ جيۇمۇلىن بىيوپەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە كىردى، موگۇنى زاۋۇتلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرىسى كۆپچىلىكنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.
ھالبۇكى، بارچە ئىشلارنىڭ مەنبەسى بولغان زەمبۇرۇغ خالتىسى مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ چاتىۋەتكەن شاخلىرى، ئۈزۈم تەكلىرى ۋە كۆممىقوناق مەدىكى قاتارلىق دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق تاشلاندۇقلىرىنى ئايلاندۇرۇشتىن ھاسىل بولغانىدى.
توقسۇندىن ئۈزۈم، ئۈجمە قاتارلىقلار كۆپ چىقىدۇ، ھەر يىلى چاتىۋېتىلگەن نۇرغۇن دەرەخ شاخلىرى ھەمىشە تاشلىۋېتىلىدۇ. بۇ تاشلاندۇقلاردىن قانداق قىلغاندا يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلانما پايدىلانغىلى بولىدۇ؟ شىنجاڭ جيۇمۇلىن بىيوپەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بۇنىڭغا جاۋاب بەردى.
بۇ شىركەت يېمەكلىك، دورا، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېتىشتۈرۈش، ئىنچىكە پىششىقلاش، سېتىش توپلاشتۇرۇلۇپ بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانا. شىركەتنىڭ باش مۇدىرى لى خاۋۋېن مۇنداق بىلدۈردى: شىركىتىمىز توقسۇن ناھىيەسىنىڭ مول خام ماتېرىيال بايلىقى، قۇرغاق، باكتېرىيە ئاز كىلىمات شارائىتىغا كۆزى چۈشۈپ، بۇ يەردە مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق تاشلاندۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ موگۇ ئىشلەپچىقىرىشنى قارار قىلدى.
«ئېكولوگىيەلىك ئايلانما يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋەزىيىتىنىڭ تەقەززاسى.» بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ سېنخۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: مېۋىلىك دەرەخ شېخى ئۇۋىقىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ياغاچ قىرىندىسىدىن ياخشى، شۇڭا زەمبۇرۇغنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى تېز، موگۇنىڭ شەكلى ياخشى بولىدۇ. موگۇ پىشىپ يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، دەرەخ شېخى ئۇۋىقىدىكى ئۆستۈرگۈچ ماددىلارمۇ ئىسراپ بولۇپ كەتمەيدۇ، ئۇلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پىششىقلىنىپ ئورگانىك ئوغۇتقا ئايلاندۇرۇلۇپ، يەنە بىر قېتىم ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىپ ئۈزۈم ئۆستۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
قوناق مەدىكى، ئۈجمە شېخى، ئۈزۈم شېخىدىن پايدىلىنىپ موگۇ ئۆستۈرۈشتىن يەنە قالدۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىشقىچە، بۇ شىركەت يېمەكلىك زەمبۇرۇغىنى ئېكولوگىيەلىك ئايلاندۇرۇش يولىدا مېڭىپ، «كېرەكسىز بۇيۇمنى گۆھەرگە ئايلاندۇرۇش، كېرەكسىز بۇيۇم يوق ئىشلەپچىقىرىش»تىن ئىبارەت ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.
«گەرچە خام ماتېرىيال دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق تاشلاندۇقلىرىدىن ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن پەن - تېخنىكىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان موگۇنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى.» جاڭ سېنخۇ مۇنداق دېدى: موگۇ ئۆستۈرۈشتە زاۋۇتلاشتۇرۇش ئەندىزىسى قوللىنىلغان بولۇپ، ھەر كۈنى تەخمىنەن 8 توننا موگۇ ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، ئاساسلىقى پىڭگۇنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ پىڭگۇلار شۇ جايدىكى بازاردا ئالقىشقا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا سېتىلدى.
جيۇمۇلىن بىيو شىركىتىنىڭ يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسپىنى كېڭەيتىش مەركىزىدە، پىڭگۇ، شياڭگۇ، مېھرىگىياھ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تېپىلىدۇ. بۇ موگۇلارنى يېتىشتۈرۈش جەريانى، دەل يېزا ئىگىلىك تاشلاندۇقلىرىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش جەريانىدۇر. شىركەت تاشلاندۇقلاردىن پايدىلىنىپ زەمبۇرۇغ خالتىسى ياساپ، يۇقىرى بېسىملىق ھوردا مىكروبسىزلاندۇرۇش، سۇيۇقلۇق ئەملەش قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلار ئارقىلىق، موگۇنى مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا ۋە نەملىكتە تېز ئۆستۈردى.
كارخانا يەنە دۆلەت يېمەكلىك زەمبۇرۇغ سورتىنى ياخشىلاش مەركىزى، فۇجيەن دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق داشۆسى زەمبۇرۇغ تەتقىقات مەركىزى، شاڭخەي يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېمەكلىك زەمبۇرۇغ تەتقىقات ئورنى قاتارلىق يېمەكلىك زەمبۇرۇغ تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن ئۇزاق مەزگىل ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، پىڭگۇنى زاۋۇتلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈش، مېھرىگىياھ سورتى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردى.
يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە كەسىپ ئاساس. جيۇمۇلىن بىئو شىركىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، توقسۇن ناھىيەسىدىكى دېھقانلارمۇ موگۇ ئۆستۈرۈشنى سىناق قىلىشقا باشلىدى. دېھقانلارنىڭ ئۆستۈرۈش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كارخانا كەنت ئاھالىلىرىگە موگۇ پارنىكى ياساپ بەردى، تېخنىكا يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى، ھەم قەرەللىك ھالدا قۇرۇتۇلغان موگۇلارنى سېتىۋالدى.
«بىر ئايدا كىرىمىمىز 3000 يۈەن كۆپەيدى.» توقسۇن ناھىيەسى غولبويى يېزىسى خېدۇڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى رىشىت رۇسۇل خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەنگەچكە، بىز موگۇ ئۆستۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇن ئەگرى - توقاي يولنى ئاز ماڭدۇق».
كارخانا يەنە شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. يېقىن ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىسى لى شىنجياڭ بىلەن خوتۇنى جىڭ رۈيخۇا كارخانىدا ئىشلەيدۇ، بىرى يۆتكەش - توشۇش ماشىنىسى ھەيدەپ موگۇ قاچىلاش، چۈشۈرۈشكە مەسئۇل، يەنە بىرى موگۇ يىغىشقا مەسئۇل، ئىككىيلەننىڭ ھەر ئايلىق مائاشىنى قوشقاندا 8000 يۈەندىن ئاشىدۇ. ئۇلار يېقىندا بىر يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋالدى، يەنە كەلگۈسىدە زەمبۇرۇغ خالتىسى سېتىۋېلىپ ئۆيىگە قايتىپ موگۇ ئۆستۈرۈپ، قوشۇمچە كىرىمىنى كۆپەيتىشنى پىلانلىدى.
«ئىشىك ئالدىدىلا پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ھەقىقەتەن ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، تاپقان پۇلىمىز سىرتتا ئىشلىگەندىن ئاز ئەمەس» دېدى لى شىنجياڭ.
بۇ شىركەت كېلەر يىلى 210 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 2 - قارارلىق تۈرنى كېڭەيتىپ قۇرۇشنى باشلاپ، زاۋۇت ئۆيلىرىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمىنى 25 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتكۈزۈپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ پىڭگۇ\مېھرىگىياھ زاۋۇتلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈش كارخانىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىشنى پىلانلىدى. پىڭگۇ ۋە مېھرىگىياھتىن باشقا، شىركەت يەنە دورىلىق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ساڭخۇاڭ ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىدى. ساڭخۇاڭ يېتىشتۈرۈشتە ئۈجمە دەرىخىنىڭ پۇتالغان شاخلىرى زەمبۇرۇغ خالتىسى ماتېرىيالى قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ، يېزا ئىگىلىك تاشلاندۇقلىرىدىن پايدىلىنىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ.
«جەزمەن ئىنچىكە پىششىقلاپ، موگۇ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتقاندىلا، ئاندىن موگۇ كەسپىنى زورايتقىلى، كۈچەيتكىلى بولىدۇ.» لى خاۋۋېن مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، كارخانىمىز كەسىپنى تېخىمۇ ياخشى يىلتىز تارتقۇزۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، يېمەكلىك زەمبۇرۇغ كەسپىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىلگىرىكى زەمبۇرۇغ ئۇرۇقىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە زەمبۇرۇغ كالتىكىنى تۈجۈپىلەپ پىششىقلاشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى ئامباردا يېڭى پېتى ساقلاش ۋە دەسلەپكى ئىنچىكە پىششىقلاشنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك زەمبۇرۇغ كەسپىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.