تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

پوسكامدا زاكازلىق سېرىق جۇخارگۈلى خۇش ھىد تارقىتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈزەللەشتۈردى، كەنت ئاھالىلىرىنى بېيتتى

   10-ئاينىڭ 30-كۈنى، پوسكام ناھىيەسىنىڭ ئايكۆل يېزىسى شىنفېڭ كەنتىدىكى سېرىق جۇخارگۈلى ئېتىزىدا، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان سېرىق جۇخارگۈلى مەيىن شامالدا پورەكلەپ ئېچىلدى، جۇخارگۈلىنىڭ سۇس خۇش ھىدى ئېتىزلارنى قاپلاپ، كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرۇپ، كەنتكە ئالتۇن رەڭلىك مەنزىرە قوشتى. بۇ يىل، ئايكۆل يېزىسى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، پوسكام ناھىيەسى مىنجياڭ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن زاكاز توختامى ئىمزالاپ، خاس زاكازلىق تېرىقچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى. (ئىختىيارىي مۇخبىر مېڭ يۈ) 

كەنت ئاھالىلىرى سېرىق جۇخارگۈلىنى ئۈزمەكتە.

يېڭىلا ئۈزۈلگەن سېرىق جۇخارگۈلى ئالدى بىلەن پوسكام ناھىيەسى مىنجياڭ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىگە ئاپىرىلىپ، پىششىقلانغاندىن كېيىن، تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن سېتىش يولى ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.