تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«بۈگۈنكى جۇڭگو شىنجاڭ كۈنسايىن يېڭىلىنىۋېتىپتۇ، بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىكەن»

سىپرۇس تاراتقۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى زىيارەتكە كەلدى −

«بۈگۈنكى جۇڭگو شىنجاڭ كۈنسايىن يېڭىلىنىۋېتىپتۇ، بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىكەن»

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سى لۇلۇ

«مەنزىرىسى گۈزەل، ئۆزگىچە ئىكەن، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىستىقبالى چەكسىز ئىكەن، بۈگۈنكى جۇڭگو شىنجاڭ كۈنسايىن يېڭىلىنىۋېتىپتۇ، بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىكەن» دېدى 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، شىنجاڭ سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان سىپرۇس تاراتقۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، سىپرۇس «سۈبھى گېزىتى»نىڭ سىياسىي، ئىقتىساد سەھىپىسىگە مەسئۇل ئالىي مۇھەررىرى كونستانتىنوس زاخارىئۇ ھاياجانلانغان ھالدا.

10 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە باردى، ئۇلار مۇزېي، ئىسلام دىنى شۆيۈەنىگە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، مىللىي سەنئىتى ۋە دىنلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، كارخانا، مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىپ شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكا قۇرۇلۇش نەتىجىلىرى ۋە گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم، مەدەنىيەت گۈللەنگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق ھەم ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان ھەقىقىي ئەھۋالنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.

شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەش، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدىكى «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسى»دە، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى نۇرغۇن سۈرەت، سىن ۋە ئەمەلىي بۇيۇم كۆرگەزمىسى ئارقىلىق، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ شىنجاڭغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە تېررورىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا، كۇچا شەھىرىنىڭ كۈسەن كىچىك كوچىسىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى گىرەلىشىپ كەتكەن كوچىلارنى سەيلە قىلىپ، كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۆزگىچە قەدىمىي ئاددىي تۇرالغۇلار ۋە يايمىلاردىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مىللىي خاسلىققا ئىگە قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى كۆرۈپ، پات - پات قەدىمىنى توختىتىپ ھۇزۇرلىنىپ، يايما ئىگىلىرىدىن باھاسىنى سورىدى، پاراڭلاشتى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى يەنە كۇچا شەھىرى كۈسەن ۋېي، جىن سۇلالىلىرى قەدىمىي قەبرىستانلىقى خارابىلىكى مۇزېيى، باي ناھىيەسىدىكى قىزىل مىڭئۆي قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسىنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا ھەيران قالدى.

شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى ۋەن تۇڭشۇ ۋە ئون ئىككى مۇقام كۆرگەزمە زالىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئون ئىككى مۇقام نومۇرلىرىنى كۆردى؛ باغراش ناھىيەلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى توبشۇردا ئورۇنلىغان مۇزىكا، چىنچياڭ ئەلنەغمىسى، «جاڭغىر» ئېيتىشىشى قاتارلىق نومۇرلاردىن ھۇزۇرلىنىپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ ھېسسىياتلىق مۇزىكا - ئۇسسۇللىرى، ئەستايىدىل تۇرمۇش كەچۈرۈش، بەختكە ئىنتىلىشتەك گۈزەل ئارزۇلىرىنى ھېس قىلدى. سىپرۇس «سۈبھى گېزىتى»نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، ئەمگەكچى خەلق تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە نىكوسىيە شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ناۋفىتوس ناۋفىتو مۇنداق بىلدۈردى: «بىزنىڭ كۆرگىنىمىز بۇ قەدىمىي چالغۇلار ۋە ئۇسسۇللار بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇنىڭدىن كىشىلەرنىڭ ئىناق ماكاننى قانداق قۇرۇش، قانداق بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشتەك گۈزەل مەنىۋى ئىنتىلىشىنى ھېس قىلدۇق».

ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى «جۇڭگو ئاق ئۆرۈك ماكانى»دەپ تەرىپلەنگەن بۈگۈر ناھىيەسىگە كەلگەن ۋاقىت دەل شىنجاڭنىڭ پاختا يىغىۋېلىش پەسلى ئىدى، بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ لۈننەن بازىرىدىكى كېۋەزلىكتە، چوڭ تىپتىكى ئىككى پاختا يىغىش ماشىنىسى گۈرۈلدەپ تۇراتتى، پاختا يىغىش مەشغۇلات نەق مەيدانى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. بىر قىسىم ئېتىزلاردىكى پاختىلار يىغىۋېلىنىپ، تايلىنىپ «پاختا تۇخۇم»غا ئايلاندۇرۇلغانىدى، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بەس - بەستە ئېتىزغا كىرىپ، «پاختا تۇخۇم»لار بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

«بىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن نەرسىلەرگە ئىشىنىمىز، بىزنىڭ كۆرگىنىمىز شىنجاڭدا پاختا يىغىشنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ماشىنىلاشقانلىقى بولدى، ئون نەچچە مىنۇتتىلا، بىر پارچە كېۋەزلىكتىكى پاختىنى يىغىش، تايلاش ئاخىرلاشتى، ئىنتايىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىكەن» دېدى كونستانتىنوس زاخارىئۇ.

ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى يەنە كارخانىلارغا بېرىپ، يېڭى ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، شەھەر يولى قۇرۇلۇشى، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ھەمدە سۇ بايلىقىنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىن شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ئۇلار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كۆپرەك ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

«جۇڭگو شىنجاڭ مەن ئىلگىرى ئىگىلىگەن ئەھۋالغا ئوخشىمايدىكەن، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى تىنچ ھەم ئىناق ئىكەن.» ناۋفىتوس ناۋفىتو مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۈتۈن كۈچى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇۋېتىپتۇ، بىز بۇ جايدا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىر - بىرىنى چۈشىنىش، دوستانە ئۆتۈپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇشتەك كۈچلۈك ئارزۇسىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئارقىلىق، شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.