تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يەرلىك چەيزە چوڭ بازارلارغا كىردى

− مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ چاجاڭ كەنتى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدەندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسى چاجاڭ كەنتىدە «مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش، كەلگۈسى توغرىسىدا سۆزلىشىش» پائالىيىتى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلدى، تېرىقچىلىقتىن قىلغان 170 مىڭ يۈەن پايدىنى قولىغا ئالغان كەنت ئاھالىسى ئېلىياس ئۇرايىم خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «7 - 8 يىل يەرلىك چەيزە تېرىدىم، بۇ يىل كىرىمىم ئەڭ كۆپ بولدى».

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە جەزمەن كەسىپنى گۈللەندۈرۈش كېرەك. يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «چوڭ يېزا ئىگىلىكى قارىشى، چوڭ يېمەكلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، خاس يېزا ئىگىلىكى كەسىپ توپىنى بەرپا قىلىش كېرەك».

چاجاڭ كەنتى خاس مەھسۇلات − يەرلىك چەيزە تېرىشنى تۇتقا قىلىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى قۇرۇشنى چۆرىدەپ، زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كەنتنىڭ 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى.

خاس كەسىپلەر ئۈستىدە ئىزدەندى

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «خاس كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يول، <يەرلىك خاس مەھسۇلات> ئىشلىرىنى كۈچەپ ياخشى قىلىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك».

«كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، كۆپچىلىك ھەر ۋاقىت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ياخشى يولى ئۈستىدە ئىزدەندى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ چاجاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى لۇ نەن.

چاجاڭ كەنتىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 1.9 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىم 16 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يەر ئاز، سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئاساس يوق، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا بايلىق كەمچىل ئىدى.

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قەيەردە؟

بۇلتۇر كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى يۈك - تاقلىرىنى قويۇپلا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ دەلىللەشنى باشلىدى.

بىر قېتىم تاماق يېگەن ۋاقىتتا، كۆپچىلىك كەنت ئاھالىلىرى ئەتكەن لەڭمەن تەمىنىڭ ئىنتايىن ئۆزگىچە ئىكەنلىكىنى بايقىدى، ئۇلار سۈرۈشتۈرۈۋېدى، ئەسلىدە بۇ لەڭمەن يەرلىك چەيزە بىلەن قورۇپ ئېتىلگەن ئىكەن.

كەنتتە 70 نەچچە مو يەرگە چەيزە تېرىلغان، چەيزىنىڭ دانىسى كىچىك، رەڭگى سۆسۈن بولۇپ يەرلىك چەيزە دەپ ئاتالغان، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرى ئىستېمال قىلغاندىن سىرت بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ، بىر يىلدا يەنە ئازراق كىرىم قىلالايدىكەن.

كۆپچىلىك بۇنىڭغا قىزىقىپ، تارىخنى ۋاراقلاپ، يەرلىك چەيزىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدى. كەنت، كوچىلارنى ئارىلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدى - كەينىنىڭ ھەممىسىگە چەيزە تېرىيدىغانلىقىنى، يەرلىك چەيزە يېيىشنىڭ بۇ يەردە ناھايىتى ئومۇملاشقانلىقىنى كۆردى. تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىدىن ھەر يىللىق مو بېشى ھوسۇلىنىڭ تەخمىنەن بىر توننا ئىكەنلىكىنى، يەنە تېرىشنىڭمۇ ئاسان ئىكەنلىكىنى سوراپ بىلدى. بازاردا سۈرۈشتۈرۈۋېدى، بىر كىلوگىرام چەيزىنىڭ باھاسى ئەڭ قىممەت بولغاندا 45 يۈەن، ئەڭ ئەرزان بولغاندىمۇ ئىككى يۈەندىن ئاشىدىكەن. يەرلىك چەيزە ئەۋرىشكىسىنى شاڭخەيگە ئەۋەتىپ تەكشۈرتتى، تەركىبىدىكى خۇاچىڭسۇ ئادەتتىكى چەيزىنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىنسا ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ئىكەن. ئۇلار مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت سورىدى، مۇتەخەسسىسلەر يەرلىك چەيزە خاس كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىچىك مەھسۇلاتلار ئارقىلىق چوڭ بازارنى قوزغىتىش تەكلىپىنى بەردى.

چاجاڭ كەنتىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، تارىختا بۇ يەر كۈتۈۋېلىش، ئۇزىتىشتىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولۇپ، بۇ يەردە ئادىمىيەت جەھەتتىكى مىراسلار ھەمدە يەرلىك چەيزە، دورىلىق ئۈجمە، قەدىمىي دەرەخ قاتارلىق نۇرغۇن قىممەتلىك تەبىئىي بايلىقلار قالغان. قاتناش قولايلىق بولۇپ، مارالبېشى ناھىيە بازىرىغا تۆت كىلومېتىر، تۇمشۇق شەھىرىگە 35 كىلومېتىر كېلىدۇ، دەرىجىلىك تاشيوللار كەنتنى بويلاپ ئۆتىدۇ. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەلگىلىك تېرىقچىلىق تەجرىبىسى بار بولۇپ، يەرلىك چەيزە تېرىشنى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ.

ئەۋزەللىكى كۆپ، ھوسۇلى زور، تېرىقچىلىق ئۈنۈمى يۇقىرى، تەرەققىيات ئىستىقبالى كەڭ بولۇپ، كەسىپنى زورايتىشنىڭ ئاساسىي شەرتى ھازىرلانغان. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى يەرلىك چەيزە ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىش توغرىسىدا بىرلىككە كەلدى.

بىر قاتار پىلانلاش، ئۇدۇللاشتۇرۇشلار ئارقىلىق، چاجاڭ كەنتى يەرلىك چەيزە تېرىشنى يېتەكچى قىلغان 1 - كەسىپنى، يەرلىك چەيزىنى پىششىقلاپ ئاساسلىق مەھسۇلات يارىتىدىغان 2 - كەسىپنى، يەرلىك چەيزە لەڭمىنىنى ئاساسلىق مەھسۇلات قىلغان 3 - كەسىپنى ھەمدە ساياھەت كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى جەلپ قىلغان مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى قاتارلىق ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇلغان كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بېكىتتى.

كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈمىدىنى كۆردى

ھەممە ئىشنىڭ باشلىنىشى بولىدۇ، بىرىنچى قەدەمدە كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆزلۈكىدىن چەيزە تېرىشقا جەلپ قىلدى.

چاجاڭ كەنتى قەشقەر چۇنيۈ تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى ئىزدەپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن يەرلىك چەيزە تېرىش، پىششىقلاش، سېتىش، ئېچىش بىر گەۋدىلەشكەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلدى، كەلگۈسى بەش يىلدا ھەمكارلىق كوپىراتىپى چاجاڭ كەنتىدە تېرىلغان يەرلىك چەيزىنى ھۆددىگە ئېلىپ سېتىپ بېرىش ھەم تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن ھەقسىز يېتەكلەش، مايسا يېتىشتۈرۈش ۋە تۇپراقنى ياخشىلاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان بولدى.

لېكىن كەنت ئاھالىلىرى يەنىلا ياخشى تېرىيالماسلىقتىن، ساتالماي قېلىشىدىن ئەندىشە قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ چاجاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ۋاڭ شۈەن ۋە ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۆيمۇئۆي سەپەرۋەر قىلدى.

ۋاڭ شۈەن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ «پېشقەدەم» ئەترەت ئەزاسى بولۇپ، 2016 - يىلى ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىغا خىزمەتكە كىرگەن، ئىككىنچى يىلىلا چاجاڭ كەنتىگە بېرىپ، بۇ يەردە ئۈچ يىل تۇرغان. بۇلتۇر 3 - ئايدا، ئۇ يەنە خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە چاجاڭ كەنتىگە كېلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى بولدى.

«شياۋ ۋاڭ كەلدىڭىزمۇ، ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇپ چىقىڭ.» كەنت ئاھالىلىرى تونۇش ۋاڭ شۈەننى كۆرۈپ، قىزغىن سالاملاشتى.

ۋاڭ شۈەنمۇ تۈزۈت قىلماي، سافادا ئولتۇرۇپ: «ھەمكارلىق كوپىراتىپى سېتىۋېلىشقا تولۇق كاپالەتلىك قىلىدۇ، يەنە قانداق تېرىشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالامسىلەر» دېدى.

«جۈرئەت قىلالمىغۇدەك نېمىسى بار، مېنىڭ يېرىمنىڭ ھەممىسىگە يەرلىك چەيزە تېرىدىم» دېدى كەنت ئاھالىسى ئابدۇۋايىت روزى.

خىزمەت تولۇق ئىشلەنگەندىن كېيىن، 59 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى بۇنىڭغا پائال ئاۋاز قوشتى، كەنت بويىچە يەرلىك چەيزە تېرىلغۇ كۆلىمى 600 مودىن ئېشىپ كەتتى. 3 - ئايدا مايسا كۆچۈرگەندە، تېخنىكلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، مايسا ئۇچىنى ئۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى... 5 - ئايدا تۇنجى تۈركۈمدىكى يەرلىك چەيزىلەر پىشتى، 10 - ئايغىچە دېھقانلار كۆپ قېتىم ھوسۇل ئالدى.

مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، يەرلىك چەيزىنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 3.6 توننا بولۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھەر كىلوگىرامىنى يەتتە يۈەندىن ھۆددىگە ئېلىپ سېتىپ بېرىدۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەر مو يەردىن قىلغان ساپ كىرىمى 25 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.

10 - ئايدا يەرلىك چەيزىنىڭ ئالتۇن مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، بەلگە كەلگۈدەك چەيزە غوللىرىدا ئون نەچچە سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چەيزىلەر ساڭگىلاپ تۇراتتى، قېنىق سۆسۈن رەڭلىك پوستى قۇياش نۇرىدا پارقىراپ تۇراتتى، ئابدۇۋايىت ئۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئۈزدى. بۇ يىل ئۇ 13.4 مو يەرگە يەرلىك چەيزە تېرىپ، 500 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى، «تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق كۆپ پۇل تېپىشىم» دېدى ئۇ خۇشال ھالدا.

كەسىپلەرنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇردى

ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەرلىك چەيزىنى سېتىۋېلىپ، يەنە چەيزىنى ئوراپ قاچىلاپ، بېيجىڭ، گۇاڭدۇڭ، شەندۇڭ قاتارلىق جايلارغا ساتتى، كىچىككىنە يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلات چوڭ بازارلارغا كىردى.

يەرلىك چەيزىنى كەسىپلەشتۈرۈش يولى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشقا باشلىدى.

چاجاڭ كەنتى «خاسلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش» تەرەققىيات پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تېرىش، پىششىقلاش، يېمەك - ئىچمەك، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردە مەھسۇلاتلارنى ئېچىش، كۆرگەزمە قىلىش، سېتىش، يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، يەرلىك چەيزىنى كېڭەيتىش توختامىنى تىرەك قىلىپ، تېرىقچىلىق كەسپىدە سەرخىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا تۈرتكە بولدى؛ ساياھەت قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى تىجارەت توختامىنى تىرەك قىلىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ قالتىس تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىغا تۈرتكە بولدى؛ كوچا ئىجارە توختامىنى تىرەك قىلىپ، يېمەك - ئىچمەك كەسپىنىڭ سەرخىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈردى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلار كونكرېت تۈرلەردە ئەمەلىيلەشسە، «چاجاڭ يەرلىك تائاملىرى» يېمەك - ئىچمەك كوچىسى، «چاجاڭ دالا لەززىتى»نى ھېس قىلىش باغچىسى، «چاجاڭ خۇييەن» كەسىپلەر باغچىسى ۋە «چاجاڭدىكى بىر مەھسۇلات»نى پىششىقلاش باغچىسى قۇرۇلىدۇ.

كۈزنىڭ ئاپتىپىدا، چاجاڭ كەنتىدە ماڭغىنىمىزدا، «چاجاڭ يەرلىك تائاملىرى» يېمەك - ئىچمەك كوچىسىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى پۈتكەن بولۇپ، ئىشچىلار ئىچىنى جىددىي بېزەۋاتاتتى. «چاجاڭدىكى بىر مەھسۇلات»نى پىششىقلاش باغچىسىمۇ پات ئارىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ناھايىتى تېزلا يىغىۋېلىنغان چەيزىگە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاشقا باشلايدىكەن. ھېس قىلىش باغچىسى ۋە كەسىپلەر باغچىسى تۈرى جىددىي قۇرۇلۇپ، بالدۇرراق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، چاجاڭ كەنتىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىكەن.

1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى چاجاڭ كەنتى ئۈچۈن ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، كەسىپلەرنى يېتىلدۈردى، تۈرلۈك كەسىپلەرگە تۈرتكە بولدى، كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردى ۋە زورايتتى، ئاخىرىدا تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپتىكى كەنت - بازارلارغا نەپ يەتكۈزدى.

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا نامايان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.