تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كىچىككىنە گۇالوۋ مىڭ چاقىرىم ھالقىپ جەنۇبىي شىنجاڭدا ماكانلاشتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، رايىدە

ساپ مېۋە ھىدى ئەتراپقا تارالغانىدى. گۇما ناھىيەسىنىڭ زاڭگۇي يېزىسى يېڭىئۆستەڭ كەنتىدىكى شىنجاڭ خۇييۆجى بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ گۇالوۋ ئۆستۈرۈش بازىسىدا، باراڭدىكى گۇالوۋلارنىڭ بەزىلىرى پۈتۈنلەي ئالتۇن رەڭدە، بەزىلىرى كۆك - سېرىق ئارىلاش رەڭدە بولۇپ، ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلاتتى.

«گۇالوۋنىڭ مېۋىسى، مېۋە شۆپۈكى، يىلتىزىنى بىردەك دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، گۇالوۋ ئۇرۇقىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، ھەممە يېرى گۆھەر.» خۇييۆجى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ لېيلېي گۇالوۋنى ئۈزۈپ ياردى، ئالتۇن رەڭلىك گۇالوۋ ئېتىدە تولغان قاپقارا ئۇرۇقلار پارقىراپ تۇراتتى.

گۇالوۋ كەسپى ئەنخۇينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق تۈرى بولۇپ، 2023 - يىلى 9 - ئايدا زاڭگۇي يېزىسىغا ماكانلاشقان، ھازىر مەركەزلىك تېرىش، ئۈزۈش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى شەكىللىنىپ، شۇ جايدىكى 1100دىن ئارتۇق ئاممىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇ يىل ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 150 مىليون يۈەن بولۇشى مۆلچەرلەندى.

كىچىككىنە گۇالوۋ قانداق قىلىپ مىڭ چاقىرىمدىن ھالقىپ گۇمىغا ماكانلىشالىدى؟ 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، 2024 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى باش تېما زىيارەت ئۆمىكى زاڭگۇي يېزىسىغا بېرىپ، ئۇنىڭ سىرىنى ئىزدىدى.

تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى يېڭىپ، گۇمىدا يىلتىز تارتقۇزدى

«گۇالوۋ، بىر خىل كۆپ يىللىق قاپاق ئائىلىسىگە تەۋە زىرائەت بولۇپ، تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى تىك داۋانلاردا، تىكەن - چاتقاللار بىلەن قاپلانغان قىيا تاش يېرىقلىرىدا ياخشى ئۆسىدۇ» دەپ تونۇشتۇردى جاڭ لېيلېي.

«بۇ جاي قۇمسىمان ئەت تۇپراقنى ئاساس قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرغاق، يامغۇر ئاز بولۇپ، گۇالوۋنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كەلمەيدىغان مۇھىت ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىدى مۇخبىرلار.

«قۇمسىمان ئەت تۇپراققا ئۆزگىچە كىلىمات ئەۋزەللىكى قوشۇلۇپ بىزنى ئويلاپ باقمىغان ھاسىلاتقا ئىگە قىلدى» دېدى جاڭ لېيلېي. 2022 - يىلى، خۇييۆجى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى گۇاڭلەي نەزەرىنى شىنجاڭغا قارىتىپ، شىنجاڭدا گۇالوۋنى سىناق قىلىپ تېرىماقچى بولدى، دەسلەپتە قاراقاش ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسىدە سىناق قىلىپ تېرىدى، لېكىن يەرنىڭ شورلىشىشى بىرقەدەر ئېغىر بولغاچقا، سىناق قىلىپ تېرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ سودىگەر چاقىرىش مەخسۇس بەنى ئەنخۇيدا سودىگەر چاقىرىش، ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، شىركەت پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ گۇما ناھىيەسىنىڭ جۇغراپىيەلىك كىلىمات ئەۋزەللىكى ھەم ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، سىناپ بېقىشنى قارار قىلدى.

دېگىنىنى قىلىش، گۇالوۋ كەسپى بىلەن شۇغۇللانغىلى ئون نەچچە يىل بولغان لى گۇاڭلەي ئۈچ خىل گۇالوۋ سورتىنى تاللاپ سىناق قىلىپ تېرىپ، مىكروبسىزلاندۇرۇپ مايسا يېتىشتۈرۈش، چۆللۈكتە سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش، شورغا چىداملىق گېننى تاللاش قاتارلىق بىر قاتار تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، گۇالوۋنى گۇمىدا يىلتىز تارتقۇزۇشتىكى تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، 12 مىڭ مو كېلىدىغان ئوت - چۆپمۇ ئۈنمەيدىغان چۆل - جەزىرىنى قاتار - قاتار كەتكەن گۇالوۋ جازىلىرى يېشىللىققا پۈركىدى، خۇييۆجى شىركىتىمۇ قورۇلغان يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش رايونى، ھاراق ئېچىتىش ئىشلەپچىقىرىش رايونى، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى (تيەنخۇافىن) ئىشلەپچىقىرىش رايونى، يۈرۈشلەشكەن ئورگانىك ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش رايونى قاتارلىق زاۋۇت ئۆيلىرىنى قۇرۇپ، زاۋۇت ئۆيلىرىگە قاتتىق پوستلۇق مېۋە قورۇش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، گۇالوۋ ئېتىدىن ھاراق ئېچىتىش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، تيەنخۇافىن جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى توغرالمىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، ئورگانىك ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ھەم ئۈسكۈنىسىدىن 1035 يۈرۈشنى سېتىۋېلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

«2025 - يىلىغا بارغاندا، شىركىتىمىزنىڭ گۇالوۋ تېرىلغۇ كۆلىمىنى 46 مىڭ موغا كېڭەيتىمىز» دېدى جاڭ لېيلېي.

ھوسۇلى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى، بازىرى كەڭ

تۇتاش كەتكەن 10 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى گۇالوۋ جازىلىرى ئاستىدا، جاڭ لېيلېي بىر - بىرلەپ مۇنداق تونۇشتۇردى: «گۇالوۋنىڭ يىلتىز غولىنى ئېزىپ تيەنخۇافىن قىلغىلى بولىدۇ، بۇ دىيابېت كېسىلىنى داۋالايدىغان دىيابېت كېسىلى كۇمىلىچىنىڭ ئاساسلىق تەركىبلىرىنىڭ بىرى؛ پىشىپ قۇرغان مېۋىسىنى يالپاقلاپ دورا ياسىغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ بەلغەمنى بوشىتىش، قۇرغاقلىقنى نەمدەپ ئۈچەينى سىلىقلاش قاتارلىق ئۈنۈمگە ئىگە؛ مېغىزى (ئۇرۇقى) «گازىر شاھى» دەپ تەرىپلىنىدۇ، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ بەلغەمنى بوشىتىش، مەيدىنى بوشىتىپ ئۆسمىنى يوقىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، ئىستېمالچىلار ياخشى كۆرىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك ئۇششاق يېمەكلىك؛ بۇ جايدا تېرىلغان گۇالوۋ ئېتىنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، ھاراق ئېچىتىشقا بولىدۇ؛ گۇالوۋ پېلىكى تەركىبىدە ئاقسىل بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، يەم - خەشەك قىلىشقا ياكى ئېچىتىپ ئورگانىك ئوغۇت قىلىپ ئېتىزغا قايتۇرۇشقا بولىدۇ».

تېخىمۇ خۇشاللىنارلىقى شۇكى، بۇ جاينىڭ يۇمشاق قۇمسىمان ئەت تۇپرىقى گۇالوۋ يىلتىزىنىڭ سۇ تەركىبى ۋە ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى سۈمۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ، كولاپ قېزىۋالغاندىن كېيىن، بىر يىللىق گۇالوۋ يىلتىزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەردە ئۆستۈرۈلگەن ئىككى - ئۈچ يىللىق گۇالوۋ يىلتىزىغا باراۋەر كېلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېتەرلىك قۇياش نۇرى ۋە قۇرغاق ھاۋا كىلىماتى بولغاچقا، كېسەللىك - ھاشارات زىيىنىنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكى، ھوسۇلىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەرنىڭكىدىن ياخشى ئىكەنلىكى بايقالدى. جاڭ لېيلېي مۇنداق دېدى: بۇ يىل، خۇييۆجى شىركىتى خۇنەن، جياڭسۇ قاتارلىق جايلاردىكى كارخانىلار بىلەن 1000 توننا گۇالوۋ يىلتىزى سېتىۋېلىش زاكازى ئىمزالىدى.

گۇالوۋ ئىسسىقنى ياخشى كۆرىدۇ، ئوغۇتقا ئامراق، تۇپراقنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، خۇييۆجى شىركىتى قوي - كالا قىغىغا بېدە قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئېچىتقاندىن كېيىن، ئورگانىك ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىدۇ. «بازاردا ئورگانىك ئوغۇتنىڭ ھەر توننىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى تەخمىنەن 1000 يۈەن، شۇ جايدىكى باقمىچىلىق مەيدانىدىن ھەر توننا ئورگانىك ئوغۇت سېتىۋېلىشقا پەقەت 200 - 300 يۈەنلا كېتىدۇ، بۇ گۇالوۋنىڭ تېرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى، يەنە مۇھىت قوغداشقا تۆھپە قوشتى.» خۇييۆجى شىركىتى ئورگانىك ئوغۇت زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى خۇ شياڭگۇي مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئورگانىك ئوغۇت زاۋۇتىمىز ھەر ئايدا 15 مىڭ توننىدىن 20 مىڭ توننىغىچە ئورگانىك ئوغۇت ئىشلەپچىقىرالايدۇ.

گۇما ناھىيەسىنىڭ ئۆزگىچە يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق، سۇ، تۇپراق شارائىتىدا ئىشلەپچىقىرىلغان گۇالوۋنىڭ سۈپىتى ھەم دورىلىق قىممىتى دۆلەت ئىچىدىكى باشقا جايلارنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، خۇييۆجى شىركىتى گۇالوۋ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى ئەنخۇيدىن شىنجاڭغا يۆتكەشنى پىلانلىدى.

1000دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بېيىش يولىنى كېڭەيتتى

ھازىر دەل گۇالوۋ پىشىدىغان مەزگىل بولۇپ، خۇييۆجى شىركىتىنىڭ گۇالوۋ كەسپى تېرىقچىلىق بازىسى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «گۇالوۋنىڭ ساپىقى سارغايسىلا ئۈزۈشكە بولىدۇ، ئۈزگەندە ساپىقى بىلەن قوشۇپ ئۈزۈش كېرەك...» نىجات ئەخمەت ئۆزى مەسئۇل بۆلەك رايوندىكى ئىشچىلارنى باشلاپ ئېتىزدا گۇالوۋ ئۈزۈۋاتاتتى.

بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن نىجات زاڭگۇي يېزىسى لەڭگەر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسىنى پۈتكۈزۈپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا خۇييۆجى شىركىتىگە كېلىپ خىزمەتكە چۈشكەن. دەسلەپتە نىجات گۇالوۋ ئېتىزىنى پەرۋىش قىلىشقا مەسئۇل بولدى، كېيىن ئۇ ناھايىتى تېزلا تېرىش، باشقۇرۇش ۋە پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدى، ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا، بۈگۈنكى كۈندە بۇ بۆلەك رايوننىڭ مۇئاۋىن مەسئۇللۇقىغا ئۆستۈرۈلدى. «بىزنىڭ بىر بۆلەك رايونىمىز 2000 مو يەرنى پەرۋىش قىلىشقا مەسئۇل، 80 ئىشچى - خىزمەتچىمىز بار، مېنىڭ ھەر ئايلىق كىرىمىم 4500 يۈەن» دېدى نىجات.

«گۇالوۋ تېرىش ئىش تەرتىپى مۇرەككەپ، ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجى كۆپ، تېرىش، ئوتاش، چاتاش، ئوغۇتلاش، مېۋە ئۈزۈش قاتارلىق ھەربىر ھالقىنىڭ ھەممىسى ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق.» گۇما ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋېن دىڭپەن مۇنداق تونۇشتۇردى: گۇالوۋ كەسپى گۇمىغا ماكانلاشقاندىن كېيىن، ناھىيەمىز قەرەللىك ھالدا يېزا ئىگىلىك ئەمەلىي تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، شۇ جايدىكى 1100دىن ئارتۇق ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

«شىركىتىمىز <100 مىڭ مولۇق جەنۇبىي شىنجاڭ گۇالوۋ كەسپى بازىسى> قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى نىشان قىلىپ، ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ قۇرۇلۇش قىلدى. بارلىق تۈرلەر كۆزلىمە ئىشلەپچىقىرىش نىشانىغا يەتكەندىن كېيىن، يىلىغا 20 مىڭ توننا گۇالوۋ ئۇرۇقى، 150 مىڭ توننا گۇالوۋ ھۆل يىلتىزى، 20 مىڭ توننا گۇالوۋ شاپىقى، 5000 توننا گۇالوۋ قېقى ئىشلەپچىقىرىش مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليارد يۈەندىن تۆۋەن بولمايدۇ، شۇ چاغدا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ» دېدى جاڭ لېيلېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.