□ۋاڭ نا
گۈيخۇا گۈلى خۇشپۇراق چاچقان مەزگىلدە، مۇخبىر شىنجاڭ ئۈرۈمچىدىن جېجياڭ نىڭبوغا بېرىپ، بۈك - باراقسان مەكتەپ ھويلىسىدا كىشىلەر قەلبىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر مەيدان «مەكتەپداشلار ئۇچرىشىشى» باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنىغا گۇۋاھ بولۇپ، ناھايىتى ھاياجانلاندى.
مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس، نىڭبو كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى مۇنەۋۋەر ئېلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ گاڭگىراپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، «سىز مۇنداق قىلىشىڭىز كېرەك» دەپ ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەيدىغان ئەنئەنىۋى تەربىيە بېرىش ئۇسۇلىنى قوللانماي، بەلكى ئۆزگىچە بىر مەيدان باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنى ئاچتى، ئىلگىرىكى يىللاردا ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە ئىشلەۋاتقانلارنى تەكلىپ قىلىپ، ھېكايە سۆزلەش شەكلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار گاڭگىرىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى. ھېكايە سۆزلەش، ھېكايە ئاڭلاش جەريانىدا مەسىلىلەر ئۈن - تىنسىز ھەل بولدى، ئوخشاش بولمىغان مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قەلبى تېخىمۇ يېقىنلاشتى، قوللىرى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇلدى. مۇنەۋۋەر دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان بىر خىل شەكىل ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش داۋامىدا ئۇلنى چىڭىتىپ ئاساسنى پۇختىلاپ، ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشنى ئىشقا ئاشۇردى.
مۇنەۋۋەرنىڭ سۆز - ھەرىكەت ئارقىلىق تەلىم بېرىشىدە، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار يېتىشىپ چىقتى، بەزىلىرى نىڭبودا رازى بولغۇدەك خىزمەت تېپىپ، پۇت تىرەپ تۇردى؛ بەزىلىرى شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ساھەسىدە گەۋدىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى؛ بەزىلىرى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچىلارغا ئايلىنىپ، ئانا مەكتىپىگە پۇل ئىئانە قىلىپ، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇردى... مائارىپنىڭ ماھىيىتى مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزۈش، پەزىلەتلىك بولدى، مېھىر - مۇھەببەتلىك بولدى، ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق باشقىلارغا ئۈلگە بولدى، مېھىر - مۇھەببەت ئارقىلىق باشقىلارنى تەسىرلەندۈردى، مۇنەۋۋەر مانا مۇشۇنداق ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستاز، ئۇ ھەربىر سۆز - ھەرىكىتى ئارقىلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى مېلودىيەسىىنى پۈتتى.