□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا، نىڭبو گېزىتى مۇخبىرى خۇاڭ خې
«مەن داشۆدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ھەربىي سەپكە قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن».
«مەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشنى قولغا كەلتۈرىمەن».
«مەن بوغالتىر بولىمەن».
...
10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۇڭخەي دېڭىزى ساھىلىدىكى نىڭبو كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدىكى «مۇنەۋۋەر ئىشخانىسى» دەپ نام قويۇلغان بىر سىنىپتا، 20 نەچچە ياش كەينى - كەينىدىن ئۆزىنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك نىشانىنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، كېلىشىۋالغاندەكلا ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك چېلىپ، بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا پۈتۈشتى.
بۇ يەردە قىزغىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «مەكتەپداشلار ئۇچرىشىشى» باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنىنى مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس، نىڭبو كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى مۇنەۋۋەر ئېلى تەشكىللىگەنىدى. 2006 - يىلى، مۇنەۋۋەر يۇرتى يوپۇغا ناھىيەسىدىن ئايرىلىپ نىڭبو داشۆگە ئوقۇشقا كەلدى. ئۇ ۋەتەننىڭ غەربىي قىسمىدىن چىقىپ، تېخىمۇ كەڭ دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن نىڭبودا قېلىپ خىزمەت قىلىشنى تاللىدى.
13 يىلدىن بۇيان، مۇنەۋۋەر نىڭبو كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە مەخسۇس ۋەزىپىدىكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەپ، 10 قاراردا 28 مىللەتتىن بولغان 5000غا يېقىن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىنى ئۇزاتتى. ئۇ خۇددى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ھەدىسىگە ئوخشاش ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشى، ئاممىۋى مەنپەئەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشى، نومۇر ئورۇنلىشى ۋە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشىغا ھەمراھ بولۇپ، تۈرلۈك ئامال - چارىلەر ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگەتتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى يېقىملىق قىلىپ «مۇنەۋۋەر ھەدە» دەپ ئاتايدىغان بولدى.
2017 - يىلى، مەكتەپنىڭ قوللىشىدا قۇرۇلغان «مۇنەۋۋەر ئىشخانىسى» «بىر ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىتتىپاق ياچېيكىسى» يېتىلدۈرۈش، «بىر ئاممىۋى مەنپەئەت مۇلازىمىتى كوللېكتىپى» تەشكىللەش، «بىر بۇلۇت تېرمىنالى مىكرو دەرسخانىسى» بەرپا قىلىش، ھەپتىدە بىر قېتىم «قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش دەرسخانىسى» تەسىس قىلىش قاتارلىق «ئالتە بىر» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، نۇر چېچىپ ھارارەت تارقىتىشىغا ياردەم بەردى.
يېقىندا، بەزى ئوقۇغۇچىلار «ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى رىقابەت ۋە بېسىم ئالدىدا، ھەم <يېتىۋېلىش>نى خالىمايمىز، ھەم زىيادە رىقابەتلىشىپ يېڭىشكە ئامالسىز قالدۇق، قايسى يولنى تاللىشىمىز كېرەك؟» دەپ مۇنەۋۋەر ھەدىسىگە كۆڭلىدىكى گاڭگىراشلىرىنى ئېيتتى، مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى تەشۋىشكە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلىپ، بۇ قېتىمقى «مەكتەپداشلار ئۇچرىشىشى»نى تەشكىللىدى.
دېرىزە سىرتىدا سىم - سىم يامغۇر يېغىۋاتاتقان بولسىمۇ، سىنىپ ئىچى ئىللىق ئىدى. سىنىپتىكى تامدا ئانارنىڭ دانىلىرى تۆكۈلۈپ تۇرغان، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرغان بىر پارچە رەسىم بار ئىدى. جېجياڭ، شىنجاڭ، يۈننەن، ئەنخۇي، جياڭشى قاتارلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن خەنزۇ، ئۇيغۇر، جۇاڭزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، چۈشىنەلمىگەنلىرى، كەلگۈسى توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى، يەنە بىر مەكتەپداش ئۇستاز غۇلاممەمەت مەتسۇپۇر 5000 كىلومېتىر يىراقلىقتا توردا كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.
«بىر ھېكايە بىر داۋلىنى بېسىپ چۈشىدۇ.» مۇنەۋۋەر يېقىملىق تەلەپپۇزدا، مەكتەپداش ئۇستازلار ۋەكىللىرىنى مەكتەپداش ئىنى - سىڭىللىرىغا ئۆزلىرىنىڭ كۈرەش قىلىشىغا دائىر ھېكايىلىرىنى ھەمبەھرىلەشكە تەكلىپ قىلدى.
بىرىنچى بولۇپ ھەمبەھرىلىگىنى غۇلاممەمەت بولۇپ، 2022 - يىلى نىڭبو كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يۇرتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە قايتىپ كەلگەن، ھازىر بىر خەلق ساقچىسى. «بۇ جاي گۈزەل پامىر ئېگىزلىكى، مېنىڭ كەينىمدىكىسى مۇزتاغ چوققىسى، ۋەتىنىمىزنىڭ تاغ - دەريالىرى نېمىدېگەن ھەيۋەتلىك - گۈزەل!» سىننىڭ ئۇ تەرىپىدە، دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى چېگرا لىنىيەسىدە، ئاسمان كۆپكۆك، سوغۇق شامال چىقىۋاتقان بولۇپ، غۇلاممەمەت چارلاپ، زىيارەت قىلىۋاتاتتى، ئۇ شېغىللىق چىغىر يولدا كېتىۋاتقان بولۇپ، كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى.
غۇلاممەمەت «خەلق قوغدىغۇچىسى» بايەكە كەلدىبېكنىڭ ھېكايىسىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا بايەكە تاغا ھاياتلىق چەكلەنگەن رايوندا چارلاش ئەترىتىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ يول باشلاپ، 30 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈردى. تاغىمىزنىڭ ئوغلى «دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكەمۇ سادىق چېگرا قوغدىغۇچىسى بولۇپ، كاچكۇلغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بەختكە قارشى قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى. «ۋەتەننىڭ چېگرا تېشى بولمىسا، نەدىمۇ بىزنىڭ قوي - كالىلىرىمىز بولسۇن»، تاغىمىزنىڭ بۇ سۆزى مېنى يۇرتىمىزنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى سادىقلىق بىلەن قوغداشقا ئىزچىل ئىلھاملاندۇرۇپ كەلدى. «ياشلىق باھارىم بىلەن ۋەتەننى قوغداۋاتقانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن. مەكتەپداش ئىنى - سىڭىللىرىم شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى، مەيلى قەيەردە بولايلى، قانداق خىزمەت قىلايلى، پەقەت ئەينى چاغدا نېمە ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىمىزنى باشتىن - ئاخىر ئەستە تۇتساقلا، گاڭگىراپ قالمايمىز» دېدى غۇلاممەمەت.
پائالىيەت نەق مەيدانىدا، بۇلتۇر ئوقۇش پۈتكۈزگەن مەكتەپداش ئۇستاز ما لېينىڭ كۆز چاناقلىرى قىزاردى، ئۇنىڭ بىلەن غۇلاممەمەت ئىلگىرى دائىم «مۇنەۋۋەر ئىشخانىسى» تەشكىللىگەن ئويۇن قويۇش ۋە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشاتتى. ئەينى چاغدا، غۇلاممەمەت ئوقۇش پۈتكۈزۈپ شىنجاڭغا قايتىشنى تاللىغاندا، ئۇ ناھايىتى قوللىغان.
ما لېي مۇنداق دېدى: 16 يېشىمدا يۇرتۇم يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىن ئايرىلىپ شەندۇڭغا بېرىپ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇدۇم، كېيىن يەنە ئۆزۈم يالغۇز نىڭبوغا بېرىپ داشۆدە ئوقۇدۇم، ئەينى چاغدا ئوقۇش پۈتكۈزگەندە گاڭگىراپ قالدىم ۋە خىزمەت تېپىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ يۈردۈم، لېكىن باشتىن - ئاخىر بەل قويۇۋەتمەي، بوغالتىرلىق گۇۋاھنامىسى ئېلىش ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلدىم، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ، «ياراملىق جەڭچى» بولۇشقا تىرىشتىم. بىر يىلدىن كۆپرەك تىرىشىش ئارقىلىق، ئۇ نىڭبوغا مۇقىم ئورۇنلىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە تاراتقۇ شىركىتىنىڭ بىر مۇنەۋۋەر دىكتورى بولۇپ قالدى. ياخشى دىكتور بولۇش ئۈچۈن، ما لېي ھەر كۈنى ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ تېكست يادلايتتى، بەزىدە گېلى قىرىلىپ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلاتتى. «پەقەت تىرىشىپ كۈرەش قىلغاندىلا، ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان تاغ يوق» دېدى ما لېي مەكتەپداش ئىنى - سىڭىللىرىغا.
تولۇپ تاشقان جاسارەت بىلەن ئېيتىلغان سۆزلەر پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
مۇتەللىپ مەتتۇردى بۇ يىل 6 - ئايدا ئوقۇش پۈتكۈزگەن بولۇپ، ھازىر «مۇنەۋۋەر ئىشخانىسى»نىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ياردەمچىسى. ئۇ ئەمدىلا بىر مەيدان پۇتۇڭخۇا بويىچە تەربىيەلەش پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەكتەپكە قايتىپ كەلگەن بولۇپ، كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ھېكايىسىنى ھەمبەھرىلىدى.
«ئىلگىرى، مەن پۇتۇڭخۇانى ياخشى سۆزلىيەلمەيتتىم، سۆزلىسەم باشقىلار چۈشىنەلمەيتتى.» مۇتەللىپ مۇنداق دېدى: مۇنەۋۋەر ھەدەمنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكلىشى ئارقىلىق، مېنىڭ پۇتۇڭخۇا سەۋىيەرىم ناھايىتى تېزلا 2 - دەرىجە B سەۋىيەگە يەتتى. «مۇنەۋۋەر ئىشخانىسى»نىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە تەربىيەلەش ئۆمىكىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئۇ ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ پىدائىيلار پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشلەمچىلەرگە پۇتۇڭخۇا ئۆگەتتى. «نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مېنىڭ ياردىمىمدە پۇتۇڭخۇانى بارغانسېرى ياخشى ئۆگىنىپ، يېڭى مۇھىتقا تېزلا سىڭىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، مەندە ناھايىتى كۈچلۈك مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى پەيدا بولدى.» مۇتەللىپ مۇنداق دېدى: ئۆگەنگەنلىرى ئارقىلىق باشقىلارغا ياردەم بېرىشنىڭ ئۆزى بىر خىل بەخت ئىكەن.
ياڭراق ئالقىش سادالىرى يەنە بىر قېتىم ياڭرىدى. يېقىندىلا تېخى كەلگۈسىگە نىسبەتەن گاڭگىراپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى. 13 يىلدىن بۇيان، مۇنەۋۋەر نۇرغۇن قېتىم مانا مۇشۇنداق ئۈن - تىنسىز ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى تۇنجى تۈگمىنى ياخشى ئېتىشىگە ياردەم بەردى، ئۇ ئۆزىنىمۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە «غول تارتىپ ئۆسۈۋاتقان»دەك ھېس قىلدى.
مۇنەۋۋەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: «بىز ئۆزىمىزنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى نىشانىمىزنى سۆزلەپ، بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا پۈتۈشەيلى، بولامدۇ؟»
شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىقى كۆرۈنۈش پەيدا بولدى.
«كۈرەش قىلىش ياشلىق باھارىنىڭ ئەڭ يارقىن ئاساسى رېڭى، كۆپچىلىكنىڭ بۈگۈنكى پۈتۈشۈشنى ئەستە ساقلاپ، ياشلىق باھارىنىڭ نۇرىنى ئارزۇ ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا چاقنىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى مۇنەۋۋەر.