تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ قاتتىق تىرىكىنى پۇختىلاش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان «ئۈچ ئاتلىق ھارۋا»نىڭ بىرى بولغان سېلىنما تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجدىن ئىبارەت ئىككى ئۇچنى تۇتاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق ئۆزگىرىشچان مىقدار، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى تىرەك خاراكتېرلىك، يېتەكلەش خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچ. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 2.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق قۇرۇلمىغا قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما كۆلىمىنىڭ سىجىل كېڭىيىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، مۇقىم بولۇش ئاساسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قاتتىق تىرەك بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى بايقاش تەس ئەمەس.

تۈرلەرنىڭ تىرەكلىك رولى گەۋدىلەندى

4 - پەسىل پۈتۈن يىللىق ۋەزىپىنى تاماملاشتىكى ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتا، گەرچە ھاۋا تەدرىجىي سوۋۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق تەرەققىيات قىزغىنلىقى سىجىل ئاشتى.

چاقىلىق ناھىيەسىدە «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4 - لىنىيەسى توك مەنبەسى تۈرى تېز ئالغا سىلجىتىلماقتا. بۇ، بۇ يىل شىنجاڭدا ئىش باشلانغان تۇنجى 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك مۇھىم تۈر بولۇپ، دۆلەتنىڭ يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلۈشتىن يانداش توك مەنبەسىنىڭ تەستىقلىنىشىغىچە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 266 كۈنلا ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» چوڭ بازىسى ھەم يانداش توك مەنبەسى لايىھەسىنىڭ ئەڭ تېز تەستىقلىنىش رېكورتى يارىتىلدى.

چوڭ - چوڭ تۈرلەر ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان «تۇراقلاشتۇرغۇچ»، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان «قاتتىق تىرەك». بولۇپمۇ 3 - پەسىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا يېڭى تۈر، ياخشى تۈرلەر كەينى - كەينىدىن يولغا قويۇلۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئىللىق ئېقىمى ئۈزلۈكسىز مەۋج ئۇردى.

10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، تۇرپان شەھىرى 4 - پەسىللىك چوڭ - چوڭ تۈرلەر ھەم شىنجاڭ خۇاديەن پىچان سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش مەزگىلىدىكى قۇرۇلۇشتا ئىش باشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، 17 چوڭ تۈردە مەركەزلىك ئىش باشلاندى، ئومۇمىي سېلىنما 66 مىليارد 420 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇ تۈرلەر يېڭى ئېنېرگىيە، كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق نۇرغۇن كەسىپكە چېتىلىدۇ.

10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى كەسىپ تۈرى مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ 40 - قارارلىق سەرخىل تۈرلەرنى ئالماشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتى ھەم شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپىگە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى قورغاس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيداندا ئىمزالانغان كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 11 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، قورغاس ناھىيەسى كەڭساي ئالمالىق تۈرى، دۆلەت يولى . قىزىل چېگرا − G219 جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل چېگرا لىنىيەسى مەدەنىيەت - ساياھەت تۈرى قاتارلىق بىر تۈركۈم مەدەنىيەت - ساياھەت تۈرلىرى شىنجاڭغا ماكانلىشىدۇ.

«سېلىنما تۈرلىرىدىن قارىغاندا، يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈرلەر ۋە چوڭ تۈرلەر كۈچلۈك تىرەك بولدى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خاۋ جۈنچىڭ مۇنداق قارىدى: بۇ، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدىكى باش ئالاھىدىلىك.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭدا يېڭىدىن ئامبارغا كىرگۈزۈلگەن تۈر 1542 بولۇپ، تۈرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆلىمى %56.7 ئاشقان، يېڭىدىن ئامبارغا كىرگۈزۈلگەن تۈرلەردە تاماملانغان سېلىنما بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىل ۋە ئالدىنقى سەككىز ئايدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 3.1 ۋە 36.5 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. جەمئىي 1 مىليارد يۈەن ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %46.4 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.8 ئېشىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 8.2 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.

يېڭىدىن ئامبارغا كىرگۈزۈلگەن تۈرلەرنىڭ ئاشقانلىقى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات زاپاس كۈچىنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرنىڭ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشى دەل يېڭى قۇۋۋەتنىڭ بالدۇر كۈچ چىقىرىشىنىڭ كاپالىتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا بولغان ئىشەنچى.

سانائەت سېلىنمىسى ئېشىشقا يېتەكچىلىك قىلدى

9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، قومۇل شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق تۈرى − قومۇل ماي تەركىبى مول كۆمۈر پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچىسى تۈرىگە ئاراتۆرۈك سانائەت باغچە رايونىدا ئۇل سېلىندى. بۇ تۈردە ماي تەركىبى مول كۆمۈرنىڭ يوشۇرۇن قىممىتى چوڭقۇر قېزىلىپ، ئۇنىڭ ئىلمىي ئېچىلىشى ۋە يۇقىرى ئۈنۈمدە پايدىلىنىلىشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايوندىكى 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك چوڭ - چوڭ كەسىپ تۈرى − قومۇل − چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى يىللىق نىشان بويىچە تېز ئالغا سىلجىتىلماقتا، نۆۋەتتە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ (شىنجاڭ بۆلىكى) قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا مۇنار ئۇلىنى كولاش ۋە ئۇلىغا سېمونت قۇيۇش تاماملاندى. ئۇنىڭ يانداش توك مەنبەسى تۈرى − شىنجاڭ خۇاديەن تىيانشان لۈنېڭ 1000000×2 كىلوۋاتلىق كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرىدە جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا 1 - نومۇرلۇق پار قازاننىڭ سۇ بېسىمى سىنىقىنى تاماملاش ھەم ئاساسىي زاۋۇت بىناسىنى يېپىش پىلانلاندى.

ھازىر، «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ كەسىپ تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولماقتا.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، سانائەت سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.3 ئېشىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %46.4تىن %52.5كە ئۆسۈپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 9.4 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.

سانائەت سېلىنمىسى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم، ياخشى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئەقلىي ھېسابلاش مەركىزى − جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى (قاراماي) بۇلۇت ھېسابلاش ئەقلىي ھېسابلاش مەركىزى قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى 10 مىڭ مېتىرلىق ئىلمىي ئىزدىنىش قۇدۇقى شىنجاڭدا بارلىققا كەلدى، شىنجاڭ يەرشارى بويىچە تۇنجى قېتىم «ئىككى خىل گازنى تەڭ ئېلىش»نى ئىشقا ئاشۇردى...

بۇ يىلدىن بۇيان، بىر تۈركۈم يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق كەسپى تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتى تېزلىتىلىپ، سېلىنمىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى. بۇنىڭغا ماس ھالدا، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق كەسپى سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.9 ئاشتى.

بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق قاتارلىق خاس، ئەۋزەل كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سېلىنما قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇردى.

سانائەت تېخنىكا ئۆزگەرتىش سېلىنمىسى دەل بۇنىڭ بىر دەلىلى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ سانائەت تېخنىكا ئۆزگەرتىش سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.3 ئاشتى.

«تېخنىكا ئۆزگەرتىش سېلىنمىسىنىڭ تېز ئېشىشى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى، شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىقتىسادى يېڭى بولۇشقا قاراپ سۈپەتنى ئۆستۈردى، يېڭى ئېنېرگىيە باتارېيەسى، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلدى» دېدى خاۋ جۈنچىڭ.

تاماملاش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىلدى

10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئىشقا چۈشكەن تۇنجى كۈنىدە، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى قومۇل ئېنېرگىيە توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش بازىسى تۈرىدە ئىش باشلىنىپ، شىنجاڭدا جان تىكىپ ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاش كۈچلۈك سىگنالى قويۇپ بېرىلدى.

بۇ، بۇ يىل شىنجاڭدا ئىش باشلانغان 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك 2 - چوڭ تۈر، جەمئىي 170 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، قومۇلنىڭ ماي تەركىبى يۇقىرى كۆمۈر ۋە شامال، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، دۆلەت كۆمۈردىن ماي - گاز ئېلىش ئىستراتېگىيەلىك بازىسى بەرپا قىلىنىدۇ.

«ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ سېلىنمىسىدا ئومۇمىي جەھەتتىن <ئالدىنقى مەزگىلدە يۇقىرى بولۇش، ئوتتۇرا مەزگىلدە تۆۋەن بولۇش، ئاخىرقى مەزگىلدە مۇقىم بولۇش>تىن ئىبارەت يۈرۈشۈش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈشى مۆلچەرلەندى.» ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ يۇڭلياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 1 - پەسىلدە شىنجاڭدا سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 2 -، 3 - پەسىلدە تۆۋەن سۈرئەتتە داۋالغۇپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4 - يولى، قومۇل ئېنېرگىيە توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش بازىسى قاتارلىق 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك چوڭ - چوڭ تۈرلەردە ئىش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر تۈركۈم يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرى تېز ئەمەلىيلەشتى، 9 - ئايدا تارقىتىلغان يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايوم تۈرى تېز يولغا قويۇلدى، 4 - پەسىلدە شىنجاڭدا سېلىنمىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ياخشىلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

4 - پەسىلدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، تاماملاش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

يىللىق سېلىنما نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 4 - پەسىللىك سېلىنما ۋەزىپىسىنى ئايمۇئاي بۆلۈپ ھەربىر تۈرگىچە پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇش، تۈگۈن شەكلىدە ئالغا سىلجىتىشنى يولغا قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتىگە چىڭ قادىلىپ، سۇچىلىق، قاتناش، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى، ئېلېكتىر تورى، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتىدۇ، G219 لىنىيەسى موڭغۇلكۈرە − ئونسۇ قاتارلىق 29 تاشيول تۈرى قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتىدۇ؛ گولمۇد - كورلا قاتارلىق تۆمۈريول تۈرلىرىنى ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى ياخشى تۇتىدۇ، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىدۇ؛ يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ.

مەبلەغ كاپالىتى ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشنىڭ ئاساسى. شىنجاڭ يەنە ھۆكۈمەت سېلىنما مەبلىغىنى چىقىم قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، 2023 - يىللىق كۆپەيتىپ تارقىتىلغان زايوم مەبلىغىنى ئالدىن چىقىم قىلىپ، ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزاق مەزگىللىك زايوم ۋە مەخسۇس تۈر زايوم مەبلىغى چىقىمىنى تېزلىتىپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغنى چىقىم قىلىش سالمىقىنى زورايتىدۇ.

باھار تۈسىگە كىرگەندە باشلىنىپ، ئاق لىباسقا ئورانغۇچە داۋاملاشتى. شىنجاڭ قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرلەرنى تۇتتى، سېلىنمىنى كېڭەيتتى، قۇۋۋەتنى ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.