تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باجدىن خالىي ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ مېيى ئاۋىياتسىيە پورتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى

ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىدا

باجدىن خالىي ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ مېيى ئاۋىياتسىيە پورتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي

«باجدىن خالىي ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ مېيى كەسپى ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتىنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى موتورغا ئايلاندى» دېدى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى تاموژنىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، تاموژنا باشلىقى خۇ جىڭ. جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم بىر تۈرلۈك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باجدىن خالىي ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ مېيى كەسپى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىدا ماكانلىشىپ، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتى ھەمدە ئۈرۈمچى ئايروپورت ئەتراپى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، باجدىن خالىي ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ مېيى قاچىلانغان ھەجىمى ناھايىتى چوڭ ئاۋىياتسىيە ماي باكىدىن تۆتى قويۇلغان. خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ئايروپىلانلارغا باجدىن خالىي ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ مېيى قاچىلاشقا توغرا كەلسە، تۇرۇبا ئارقىلىق باجدىن خالىي ئامباردىن بىۋاسىتە قاچىلاشقا بولىدۇ. باجدىن خالىي ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ مېيى قاچىلىغاندا، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ ھەر توننا ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ مېيى تەننەرخىنى %13 ئەتراپىدا تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

«باجدىن خالىي ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ مېيى كەسپى بۇ يىل 6 - ئايدا ماكانلاشتى، 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، قاچىلىنىش مىقدارى 10 مىڭ توننىدىن ئاشتى.» خۇ جىڭ مۇنداق دېدى: بۇ كەسىپ ماكانلاشقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تۈگۈنلۈك رولى تېز قويۇپ بېرىلىپ، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئاۋىياتسىيە پورتى خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى تورى بەرپا قىلىندى.

10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگىنىگە ئۇزاق بولمىغان شىنجاڭ ئايرودۇرۇم(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت بويىچە تاموژنا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىسكىلاتىغا كىرىپ، مۇخبىر ئومۇمىي كۆلىمى 10 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان ئىسكىلاتتا ساندۇق - ساندۇق ماللارنىڭ دۆۋىلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. خىزمەتچى خادىملار كىچىك ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ پۈتۈنلەي مال بىلەن تولغان ئايروپىلان توختىتىش سۇپىسىدىكى ماللارنى ئىسكىلاتقا توشۇۋاتاتتى. تېگى كۆك، ئاق خەتلىك بەلگە تاختىسىدا يىغىپ توشۇش رايونى، قۇراشتۇرۇش رايونى، تەكشۈرۈش رايونى قاتارلىقلار ئېنىق كۆرسىتىلگەنىدى.

بۇ يېڭى ئىسكىلاتنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئاۋىياتسىيە ماللىرىنى ئامباردا ساقلاش، يىغىپ توشۇش، ئايرىش قاتارلىق تۈرلۈك يەر يۈزى تىرانسپورت مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتىنىڭ ماللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى، شۇنداقلا سىجىل ئېشىۋاتقان خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئېھتىياجىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، باجدىن خالىي ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ مېيى كەسپى ماكانلاشقاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتى ئارقىلىق ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنغان يۈك مىقدارى سىجىل ئېشىپ، 7 - ئايدا 2536 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %650.3 ئاشقان؛ 8 - ئايدا 3333 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %860.5 ئاشقان؛ 9 - ئايدا 6030 توننا بولۇپ، يىللىق يۈك توشۇش مىقدارى چوققا قىممەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 11.5 ھەسسە ئاشقان.

«بۇ يىل 7 - ئايدا شىركەت شىنجاڭنى يۈەنتۇڭ خەلقئارا 2 - باش ئىشتابى قىلىپ بېكىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن ئالاقىدار كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بايلىق سالدى» شىنجاڭ يۈەنتۇڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ مېڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئايرودۇرۇم تەرەپ بىلەن تېز يوللانمىلارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش ئىشلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتىمىز، ھەم ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ باش ئىشتاب بازىسى ۋە ئاقىل تەمىنلەش زەنجىرى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچىسى قۇرۇشنى پىلانلىدۇق.

بۇ يىل 6 - ئايدا، يۈەنتۇڭ شىركىتى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە تەسىس قىلغان ئايرىپ تەقسىملەش مەركىزى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ يۈەنتۇڭ شىركىتىنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگو - قازاقىستان چېگرا ھالقىغان تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنى ئېچىشى بولۇپ، نەچچە ئاي يۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، يۈەنتۇڭ شىركىتىنىڭ جۇڭگو - قازاقىستان كەسىپ مىقدارى بىر قاتلاندى.

ۋاڭ مېڭ مۇنداق بىلدۈردى: باجدىن خالىي ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ مېيى كەسپىنىڭ ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىدا ماكانلىشىشى شىركەتنىڭ ئۈرۈمچىدە خەلقئارا كەسىپلەرنى تېز ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئامىللارنىڭ بىرى.

شىنجاڭ تيەنيى خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كارخانا پىلان - ماركېتىڭ بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى خۇا چېن مۇنداق دېدى: باجدىن خالىي ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ مېيى كەسپى ماكانلاشقاندىن بۇيان، ئاخىرقى ئۇچتىكى خېرىدارلارنىڭ توشۇش تەننەرخى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئۈرۈمچىدە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا جەلپ قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن بارغانسېرى كۆپ ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ئۈرۈمچىگە توپلىنىپ، كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.