زىخچە ئالتۇن ۋە تىللا ئىستېمال مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى 2024- يىلى ئۈچىنچى پەسىلدە، ئالتۇن باھاسى داۋاملىق يۇقىرى ئورۇندا داۋالغۇپ، ئۆرلەش مۆلچەرى ئاشتى، جۇڭگودا ئەمەلىي ئالتۇن ئىستېمالى سەل تۆۋەنلىدى. لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئۆرلەش باھاسى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان زىخچە ئالتۇن ھەم تىللا ئىستېمالى يەنىلا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر قەدەر زور دەرىجىدە ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى.
جۇڭگو ئالتۇن جەمئىيىتى 10- ئاينىڭ 28- كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2024- يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، جۇڭگونىڭ ئالتۇن ئىستېمال مىقدارى 741.732 توننا بولۇپ، 2023- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %11.18 تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرى 400.038 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.53 تۆۋەنلىگەن؛ زىخچە ئالتۇن ۋە تىللا 282.721 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.14 ئاشقان؛ سانائەت ۋە باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان ئالتۇن 58.973 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.78 تۆۋەنلىگەن.
پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى
(«ئانار بۇلۇت»تىن ئومۇملاشتۇرۇلدى)