تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قۇم دېڭىزىدىن «بايلىق قېزىش» چەرچەن ناھىيەسىدىكى 85 مىڭ 100 مو يەردىكى «قۇملۇق ئادەمگىياھى»دىن مول ھوسۇل ئېلىندى

10-ئاينىڭ 30-كۈنى، چەرچەن ناھىيەلىك قۇم تىزگىنلەش پونكىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى توشقانزەدىكى يىغماقتا.

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن لياڭ خەۋىرى، فوتوسى) ئالتۇن كۈزدىكى 10-ئايدا، چەرچەن ناھىيەسىدە 85 مىڭ 100 مو يەردىكى توشقانزەدىكى مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى، دېھقانلار قۇم دېڭىزىدا گۈرجەك بىلەن «بايلىق قېزىپ»، قۇم ئاستىغا كۆمۈلگەن مول مېۋىلەرنى كولاپ چىقتى.

   ئېكولوگىيە ۋە ئىقتىسادتا قوش پايدا ئېلىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، چەرچەن ناھىيەسى 2007-يىلىدىن باشلاپ، ئەسلىدە بار بولغان ئورمان بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سۆكسۆكلۈكتە «قۇملۇق ئادەمگىياھى» دەپ تەرىپلىنىدىغان توشقانزەدىكىنى ئۆستۈردى ھەم ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈپ، توشقانزەدىكىنى جۇڭيى دورا مەھسۇلاتى ھەم ئىچىملىك قاتارلىقلارغا ئايلاندۇرۇپ پىششىقلاپ، توشقانزەدىكى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، دېھقانلارنىڭ بېيىش يولىنى كېڭەيتىشىگە كۈچ قوشتى. شۇ جايدىن يىغىۋېلىنغان توشقانزەدىكى ۋە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى زاكاز شەكلىدە ئەنخۇي، گۇاڭشى قاتارلىق جايلارغا سېتىلدى.

10-ئاينىڭ 31-كۈنى، تور رىياسەتچىسى چەرچەن ناھىيەسىدىكى 10 مىڭ مولۇق ئورگانىك توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش بازىسىدا تورداشلارغا توشقانزەدىكىنى تونۇشتۇرماقتا.

10-ئاينىڭ 31-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار چەرچەن ناھىيەسىدىكى 10 مىڭ مولۇق ئورگانىك توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش بازىسىدا توشقانزەدىكىنى يىغماقتا.

10-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئېگىزدىن چەرچەن ناھىيەسىدىكى 10 مىڭ مولۇق ئورگانىك توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش بازىسىغا نەزەر (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

​10-ئاينىڭ 31-كۈنى، ساياھەتچىلەر چەرچەن ناھىيەسىدىكى 10 مىڭ مولۇق ئورگانىك توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش بازىسىدا توشقانزەدىكىدىن ياسالغان مەھسۇلاتلار توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.