تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

شېنجېننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ كېسەل كۆرۈپ خەلق قەلبىنى ئىللىتتى

10-ئاينىڭ 25-كۈنى، شېنجېننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى مارالبېشى ناھىيەلىك شەھەر-بازار دوختۇرخانىسىغا كېلىپ، «شېنجېن بىلەن قەشقەرنىڭ مېھىرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساغلاملىق ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» باش تېمىسىدىكى ھەقسىز كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ھەقسىز كېسەل كۆرۈش نەق مەيدانىدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ دوختۇرلىرى كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن ئاممىنىڭ قان بېسىمىنى، قان شېكىرىنى ئۆلچەپ، سالامەتلىك ئەھۋالىنى سەۋرچانلىق بىلەن سوراپ، كەسپىي داۋالاش تەكلىپى بەردى ۋە ساغلاملىق جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەڭ ئاممىنى ساغلام بولغان تۇرمۇش رىتىمى ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىدى. پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغان كۈنى ئاممىغا جەمئىي 200 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ھەقسىز كېسەل كۆرۈش مۇلازىمىتى قىلىپ، قىممىتى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان دورا ھەم 50 پارچىدىن ئارتۇق ساغلاملىق تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقاتتى. (ئىختىيارىي مۇخبىر نۇرئەلا)

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى دوختۇرلار كېسەل كۆرسەتكەن ئاممىنىڭ كېسەللىك تارىخى ۋە دورا ئىشلىتىش ئەھۋالىنى سورىماقتا.

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى دوختۇرلار ھەقسىز كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا كەلگەن ئاممىغا دورا ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.