تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى قىشلىق باھا سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدۇ

   2024-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى قىشلىق ساياھەت تىجارەت مەزگىلىگە كىرىدۇ، ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز : 
  
   قىشلىق تىجارەت ۋاقتى 
  
   2024-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2025-يىل 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە 
  
   قىشلىق ئېچىۋېتىش رايونى 
  
 ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى − شىئېر ليەنخۇ − جاۋبىشەن تېغى مەنزىرە نۇقتىسى − ئاق قۇ كۆلى مەنزىرە نۇقتىسى (ھاۋارايى ئەھۋالىغا قاراپ ئېچىۋېتىش رايونى ھەر ۋاقىت تەڭشىلىدۇ)

   قىشلىق بېلەت باھاسى سىياسىتى 

   1. كىرىش بېلىتى: 30 يۈەن/ئادەم؛ 
  
   2. ئارىلىق ئاپتوموبىلى: 44 يۈەن/ئادەم (ساياھەتچىلەر مەركىزى − ئاق قۇ كۆلى)؛ 
  
   3. ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت تەسىراتىنى بېيىتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قار-مۇز سەيلىسى قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، قىش پەسلىدە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ مەنزىرە رايونىغا كىرسە بولىدۇ، كونكرېت ھەق ئېلىش ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە : 

   يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەر بىر ئاپتوموبىلدىن 75 يۈەن ئېلىنىدۇ، مەنزىرە رايونىدىكى ئاق قۇ كۆلى رايونىغىچە ھەيدەپ بارسا بولىدۇ؛
  
   سەككىز كىشىلىكتىن توققۇز كىشىلىككىچە بولغان ھەر بىر ئاپتوموبىلدىن 100 يۈەن ئېلىنىدۇ، مەنزىرە رايونىدىكى جاۋبىسەن تېغى رايونىغىچە
ھەيدەپ بارسا بولىدۇ؛ 
  

   10 كىشىلىكتىن 19 كىشىلىككىچە بولغان ھەر بىر ئاپتوموبىلدىن 200 يۈەن ئېلىنىدۇ، مەنزىرە رايونىدىكى جاۋبىسەن تېغى رايونىغىچە ھەيدەپ بارسا بولىدۇ؛ 
  

   20 كىشىلىكتىن 39 كىشىلىككىچە بولغان ھەر بىر ئاپتوموبىلدىن 400 يۈەن ئېلىنىدۇ، مەنزىرە رايونىدىكى جاۋبىسەن تېغى رايونىغىچە ھەيدەپ بارسا بولىدۇ؛ 
  
   40 
كىشىلىكتىن يۇقىرى ھەر بىر ئاپتوموبىلدىن 500 يۈەن ئېلىنىدۇ، مەنزىرە رايونىدىكى جاۋبىسەن تېغى رايونىغىچە ھەيدەپ بارسا بولىدۇ. 
  
   كەڭ ساياھەتچىلەر ساياھەت قىلىش جەريانىدا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىپ، ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىنىڭ قىشلىق گۈزەل مەنزىرىسىنى بىرلىكتە تاماشا قىلىڭلار! 
  
   شىنجاڭ يىپەك يولى نەنسەن ساياھەت-مەدەنىيەت چەكلىك شىركىتى 
  
   (ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى) 
  
   2024-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.